- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى
(2015-يىلى 25-ئاپرېل)
2015.05.06 15:54 مەنبە: خەلق تورى
ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، خەلقنىڭ بەختى، مىللەتلەرنىڭ كەلگۈسى، «ئىككى 100 يىللىق» كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قاتار مۇھىم قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە زور بۆسۈش ھاسىل قىلدى ۋە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى. لېكىن ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا ئېلىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇش سەۋىيەسى يەنىلا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئارقىدا قالدى، بايلىقنىڭ يېتىشمەسلىكى، مۇھىت بۇلغۇنىشىنىڭ ئېغىرلىشىشى، ئېكولوگىيىلىك سىستېمىنىڭ چېكىنىشى، تەرەققىيات بىلەن نوپۇس، بايلىق، مۇھىت ئارىسىدىكى زىددىيەتنىڭ كۈنسېرى گەۋدىلىنىشى ئىقتىساد بىلەن جەمئىيەتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىدىكى زور توسالغۇغا ئايلاندى.
ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىنى تېز ئۆزگەرتىپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى، ئادەمنى ئاساس قىلىپ ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇقەررەر تاللىشى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشنىڭ دەۋر تاللىشى، كېلىمات ئۆزگىرىشىگە پائال تاقابىل تۇرۇپ، دۇنيانىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداشنىڭ مۇھىم تەدبىرى. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى تولۇق تونۇپ يېتىپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تەبىئەتنى ھۆرمەت قىلىش، تەبىئەتكە بويسۇنۇش، تەبىئەتنى قوغداش ئېڭىنى چىڭ تۇرغۇزۇپ، يېشىللىق بايلىق دېگەندە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە ۋە جەمئىيەتنى پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر، سىجىل ئىلگىرى سۈرۈشكە سەپەرۋەرلىك قىلىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق تەرەققىي قىلىدىغان زامانىۋى قۇرۇلۇشنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈپ، سوتسىيالىستىك ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى يېڭى دەۋرى يارىتىش كېرەك.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر