- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شى جىنپىڭ ياۋروپا-ئاسىيادىكى ئۈچ دۆلەتتە زىيارەتتە بولۇپ، روسىيەنىڭ ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ
2015.05.05 15:08 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بۈگۈن بېيجىڭدا جۇڭگو-چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزدى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنسىتىرى چېڭ گوپىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 7-مايدىن 12-مايغىچە موسكۋادا ئۆتكۈزۈلىدىغان روسىيەنىڭ ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغانلىقى ۋە روسىيە، قازاقىستان، بېلورۇسسىيەدە زىيارەتتە بولىدىغانلىقى، شۇنداقلا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى تونۇشتۇردى.
چېڭ گوپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن كېيىن قازاقىستاننى قايتا زىيارەت قىلىشى ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ قويۇق ئالاقىسىنىڭ ياخشى داۋاملىشىغانلىقىنى، جۇڭگو-قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيە ۋە يۇقىرى ئىستراتېگىيە ئاساسىدىكى ئۆز ئارا ئىشەنچىسىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى موسكۋادىكى زىيارىتى تىنچلىقنى قوغداپ، كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىدىغان زىيارەت، شۇنداقلا جۇڭگو-روسىيە مۇناسىۋىتىنى ھەر تەرەپتىن ئىلگىرى سۈرىدىغان زىيارەت. بۇ قېتىمقى زىيارەت دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 14 يىلدىن كېيىن بېلورۇسسىيەنى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلىشى، شۇنداقلا جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمىغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىق خاتىرە يىلى بولۇپ، جۇڭگو-بېلورۇسسىيەنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە يېتەكلەشتە ئالدىنقى ئىشلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكى ئىشلارغا يول ئېچىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر