باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ئادىمەتچىلىك مۇكاپاتى، نەتىجە مۇكاپاتى، مۇناسىۋەت مۇكاپاتى: سەنئەت مۇكاپاتى باھالاشتىكى قالايمىقانچىلىقلار

2015.04.30 18:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى تورى، شاڭخەي، 29- ئاپرېل تېلېگراممىسى. مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى يېقىندا ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، سەنئەت ساھەسىدىكى مۇكاپات باھالاش ئومۇميۈزلۈك تەرتىپكە سېلىنىپ، %60 تىن كۆپرەك سەنئەت مۇكاپاتى تۈرى ئىخچاملانغان. شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، سەنئەت مۇكاپاتى بۇ ساھەدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن شەخس، نادىر ئەسەرلەرنى باھالاشتىكى مۇھىم ۋاستە بولۇپ، سەنئەت ئىجادىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پائال رول ئوينايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سەنئەت مۇكاپاتى باھالاشتىكى قالايمىقانچىلىق مەسىلىسى دىققەت قوزغاپ كەلدى. مەركەز كۈزىتىش گۇرۇپپىسى يېقىندا مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى قاتارلىق 13 تارماقنى كۈزىتىش پىكرىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە سەنئەت مۇكاپاتى باھالاش زىيادە كۆپ بولۇش، مۇكاپات باھالاشتا يەڭ ئىچىدە سودىلىشىش، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش مەسىلىسى تىلغا ئېلىندى. تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، جايلاردا نەتىجە قارىشىنىڭ تۈرتكە بولۇشى بىلەن شان شەرەپ، شەخسىي مەنپەئەت ئارىلىشىپ كەتكەن، بەزى سەنئەت مۇكاپاتلىرى «مەدەنىيەتتە چىرىكلىشىش» تۈرتكە بولۇپ، يەڭ ئىچىدە سودىلىشىش، ھوقۇق پۇل سودىسى ئەۋج ئېلىپ، سەنئەت ساھەسىنى بۇلغىدى. سەنئەت مۇكاپاتلىرىنى ئىخچاملاش ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۇپ بازار ۋە سەنئەت قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلغاندىلا، سەنئەتنى بازارغا، ئامما ئارىسىغا قايتۇرۇپ كەلگىلى بولىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر