- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


لى كېچياڭ: ئەسلىھەلەرنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈپ، كارخانىلارنى رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا مەجبۇرلاش كېرەك
2015.04.07 16:31 مەنبە: خەلق تورى
زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 3-ئاپرېل، جۇڭگو ئەسلىھەلىرىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش ۋە خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تاشقى سودىسىنىڭ «چوڭ ئىمپورت-ئېكسپورت قىلىش»تىن «ئەلا ئىمپورت-ئېكسپورت قىلىش»قا ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوچۇق ئىقتىساد ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن بۇيان، جۇڭگو دېڭىز ياقىسىدىكى شەھەرلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىدە «چوڭ ئىمپورت-ئېكسپورت قىلىش»تىن ئىبارەت مۇھىم تەدبىرنى يولغا قويدى. بۇ ئىستراتېگىيە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ 30 نەچچە يىل تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا كۈچلۈك مەدەت بولۇپ، بۈگۈنكى جۇڭگونىڭ «دۇنيا زاۋۇتى» دېگەن ئورنىنى ياراتتى. لېكىن بىز چوقۇم خەلقئارا بازاردا بولىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا ماسلىشىپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىمىزنى ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك. ئىلگىرىكى «چوڭ ئىمپورت-ئېكسپورت قىلىش»تەك كونا يولدا داۋاملىق مېڭىشقا بولمايدۇ. جۇڭگونىڭ ئەسلىھەلىرىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشكە زور كۈچ بىلەن مەدەت بېرىپ، خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ تاشقى سودىسىنى «چوڭ ئىمپورت-ئېكسپورت قىلىش»تىن «ئەلا ئىمپورت-ئېكسپورت قىلىش»قا ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك.
زۇڭلى مۇنداق دېدى: تېخىمۇ ئىلغار بولغان ياساش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز، پەقەت دۆلەت ئىچىدىلا رىقابەتلىشىش بىلەن چەكلىنىپ قالماسلىقىمىز كېرەك. جۇڭگونىڭ ئەسلىھەلىرىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنى خەلقئارا بازاردىكى تېخنىكىسى ئىلغار، ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك بولغان دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەر بىلەن رىقابەتلەشتۈرۈش ئارقىلىق، ئۆزىمىزنىڭ تېخنىكا، سۈپەت ۋە مۇلازىمەت سەۋىيىمىزنى ئۆستۈرۈشكە مەجبۇرلاپ، كارخانىلارنىڭ ئومۇمىي ساپاسى ۋە يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر