- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىغا قاتنىشىدۇ
2015.03.18 16:14 مەنبە: خەلق تورى
بۇ نۆۋەتلىك يىللىق يىغىنغا قاتنىشىدىغان رەھبەرلەر ئۆتكەن ھەر نۆۋەتتىكىدىن كۆپ بولىدۇ
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 17-مارت تېلېگراممىسى. بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ باش كاتىپى جۇ ۋېنچۇڭ 17-مارت بېيجىڭدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى 2015-يىللىق يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى ئەھۋاللىرىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى يىللىق يىغىننىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ، بۇ نۆۋەتلىك يىللىق يىغىنغا قاتنىشىدىغان رەھبەرلەر ئۆتكەن ھەر نۆۋەتتىكىدىن كۆپ بولىدۇ.
بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى 2015-يىللىق يىغىنى 26-مارتتىن 29-مارتقىچە جۇڭگو خەينەن ئۆلكىسىنىڭ بوئاۋ بازىرىدا ئېچىلىدۇ، «ئاسىيانىڭ يېڭى كەلگۈسى: تەقدىرنىڭ ئورتاق گەۋدىسىگە قاراپ ئاتلىنايلى» دېگەن يىغىننىڭ باش تېمىسى قىلىنىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر