- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شى جىنپىڭ: ئاكتىپلىق بىلەن ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، مەركەزنىڭ مۇھىم ئىقتىساد قارارلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك
2015.02.12 09:44 مەنبە: خەلق تورى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10-فېۋرال تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەز مالىيە خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شى جىنپىڭ 10-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەركەز مالىيە خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 9-قېتىملىق يىغىنىنى ئېچىپ، مەركەز مالىيە خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى بېكىتكەن يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش پىلانى، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، سۇ بىخەتەرلىكى، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى، ئىجادىيەتلىك قوزغىتىش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، ئاسىيا ئۇل مۇئەسسەسەسىگە مەبلەغ سېلىش بانكىسى قۇرۇش، يىپەك يولى فوندى تەسىس قىلىش قاتارلىق مۇھىم تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلاپ، بېيجىڭ شەھىرى، تيەنجىن شەھىرى، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ ماس تەرەققىيات پىلان تېزىسىنى تەتقىق قىلىپ قاراپ چىقتى.
شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى ۋە مۇنۇلار كۆرسەتتى: مەركەز مالىيە خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىككى يىلدىن بۇيان سەككىز قېتىم يىغىن ئېچىپ، بېجىرىدىغان مۇھىم ئىشلارنى بېكىتتى، بۇ ئىشلارنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلغان-قىلمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش زۆرۈر. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، تارماقلارنىڭ مەركەز مالىيە خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى بېكىتكەن ئىشلارنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى پوزىتسىيەسى قەتئىي، پىكرى ئېنىق، سۈرئىتىمۇ تەلەپكە ماس كەلگەن.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر