- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


گوۋۇيۈەن «لايىھە» تارقاتتى
2015.02.04 16:16 مەنبە: خەلق تورى
ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن مەمۇرلارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش شەرتى: 12 بۆلۈم خادىمى بولسا مۇئاۋىن بۆلۈم دەرىجىلىك باشلىق تەمىناتىدىن بەھرىمان بولىدۇ
گېزىتمىزنىڭ 2- فېۋرال ئىگىلىشىچە، دۆلىتىمىزدە ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن مەمۇرلارنىڭ ۋەزىپىسى ۋە ۋەزىپە دەرىجىسىنى تەڭ يولغا قويۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى، بۇنىڭدىن كېيىن بۆلۈمى خادىمىلىق ۋاقتى 12 يىل توشسا، مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقىلىق تەمىناتىدىن بەھرلىنىدۇ. بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرىستېتى ھۆكۈمەت باشقۇرۇش ئىنىستىتۇتى تەشكىلات ۋە ئادەم كۈچى بايلىقى باشقۇرۇش فاكولتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جيەنمىن مۇنداق دەپ قارىدى: ئىلگىرى مەمۇرلۇق ئىمتىھانىدا ئاساسىي قاتلام مەمۇرلۇق خىزمەت ئورۇنلىرىغا كۆپ كىشى قىزىقمىدى، ئاساسىي قاتلام خىزمەت ئورۇنلىرىدا ئىختىساسلىقلارنى ئېلىپ قىلىش قىيىنلاشتى، يېڭى ھۆكۈمەت بۇنداق ئەھۋالنى ياخشىلايدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر