باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جاڭ گاۋلى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەكىتلىدى

2015.01.30 15:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، گوۋۇيۈەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ گاۋلى تۆنۈگۈن گوۋۇيۈەن يېمەكلىك بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ 2- قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەمدە سۆز قىلدى. جاڭ گاۋلى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، تىزگىنلەش سېستىمىسىنى يەنىمۇ مۇككەممەللەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك نۇقتىلىق تۈر، نۇقتىلىق ساھەلەرنى زىچ چۆرىدەپ، ئەڭ چىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ئەڭ قاتتىق جازالاش، ئەڭ كەسكىن مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق، سېستىمىلىق، رايون خاراكتىرىلىك يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرمەسلىكىدىكى تۆۋەن چېكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. جەمئىيەت كۈچلىرىنى تولۇق ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ھۆكۈمەت، كارخانا، جەمئىيەت بىر گەۋدىلەشكەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمەت قېلىپىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. يېقىندا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بىر قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىلىپ، چاغان ۋە ئىككى يىغىن مەزگىلىدىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر