- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سىياسىي قائىدىسى نېمە؟
2015.01.29 16:49 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى خەۋىرى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ 1-ئاينىڭ 13-كۈنى ئېچىلغان ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە تىلغا ئالغان «سىياسىي قائىدە» دېگەن بىر سۆز سىرتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىپ، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، قائىدىگە ئەھمىيەت بېرىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش كېرەك.
شى جىنپىڭ 1-ئاينىڭ 16-كۈنى ئېچىلغان ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا يەنە پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتا ئالدى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك، بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك، بۇ تۈپ سىياسىي قائىدە، دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. «سىياسىي قائىدە» پارتىيە ئىچىدىكى تۇراقلىق سۆز، دائىم تىلغا ئېلىنىدۇ، لېكىن «سىياسىي قائىدە» نىڭ تىلغا ئېلىنىشى بىر قەدەر ئاز ئۇچرايدۇ.
«سىياسىي قائىدە»نى جۇڭگونىڭ ھازىرقى سىياسىي ئويىنى چۈشىنىشتىكى ھالقىلىق سۆز دېيىشكە بولىدۇ.
شى جىنپىڭ بۇنىڭغا قارىتا ئومۇمىيۈزلۈك ئىزاھات بەردى. پارتىيەنىڭ قائىدىسى كونكرېت جەھەتتىن تۆت جەھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچى، پارتىيە نىزامى پۈتۈن پارتىيەنىڭ چوقۇم ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك باش نىزامنامىسى، شۇنداقلا باش قائىدىسى؛ ئىككىنچى، پارتىيەنىڭ ئىنتىزامى چىڭ چەكلىمە، سىياسىي ئىنتىزام پۈتۈن پارتىيەنىڭ سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي مەيدان، سىياسىي سۆز، سىياسىي ھەرىكەت جەھەتلەردە چوقۇم بوي سۇنۇشقا تېگىشلىك چىڭ چەكلىمىسى؛ ئۈچىنچى، دۆلەت قانۇنى پارتىيە ئەزاسى، كادىرلار چوقۇم بوي سۇنۇشقا تېگىشلىك قائىدە؛ تۆتىنچى، پارتىيەنىڭ ئۇزاق يىللىق ئەمەلىيەت جەريانىدا شەكىللەندۈرگەن ئىلغار ئەنئەنىسى ۋە خىزمەت ئادىتى.
شى جىنپىڭ پارتىيەنىڭ ئىنتىزامىدا «سىياسىي ئىنتىزام»نى بەكرەك تەكىتلىدى، چۈنكى بۇ پۈتۈن پارتىيەنىڭ لۇشيەنى ۋە مەيدانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شى جىنپىڭ يەنە پارتىيەنىڭ قائىدىسىدە «سىياسىي قائىدە»نى بەكرەك تەكىتلىدى، چۈنكى بۇمۇ ئىشلارنىڭ تەرەققىي قىلىشى ياكى خارابلىشىشىنىڭ مۇھىم ھالقىسى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ بارلىق ئىنتىزام ۋە قائىدىسى ئىچىدە سىياسىي ئىنتىزام بىلەن سىياسىي قائىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، سىياسىي قائىدىنى ھازىر قايتا تەشەببۇس قىلىشىمىز ماھىيەتتىن ئېيتقاندا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى، پارتىيەنىڭ ئىچكى ئىتتىپاقلىقى، بىردەكلىكىنى قوغداپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئىنتىزامچانلىقى ۋە چەكلەش كۈچىنى قايتىدىن تۇرغۇزۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئېكولوگىيەسىنى ساپلاشتۇرۇش ئۈچۈندۇر.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر