باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ يۈننەن گوڭشەندىكى كادىرلار، ئامما بىلەن كۆرۈشكەنلىكى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

2015.01.26 08:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 20-يانۋار كۇنمىڭدا يۈننەن ئۆلكىسى نۇجياڭ ئوبلاستى گوڭشەن دۇلۇڭ، نۇزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى كادىرلار ۋە ئامما ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى. بۇ خەۋەر چېگرا رايوندىكى گوڭشەن ناھىيەسىنىڭ دۇلوڭجياڭ يېزىسىغا يېتىپ كەلگەندە، شۇ جايدىكى كادىرلار ۋە ئامما بۇنىڭدىن چوڭقۇر تەسىرلەندى ھەم ئىلھاملاندى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئۆزلىرىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، قوللىغانلىقى دولۇڭجياڭدا پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ بولۇشىغا ئىشەنچ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلدى.

  دۇلوڭ ياش يۈ چيۇشيا ۋە مىللىيچە كىيىنگەن نەچچە كەنت ئاھالىسى 21-يانۋار كەچتە بىر يەرگە جەم بولۇپ تېلېۋىزور خەۋىرىنى كۆردى، ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ پېشقەدەم ھاكىم بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەنلىكى بىز بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەندەك قەلبىمىزنى ئىللىقلىققا چۆمدۈردى، بىز نەق مەيداندا بولغانغا ئوخشاش، دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبىرىنىڭ دۇلوڭلارغا بولغان غەمخورلۇقىنى ھېس قىلدۇق.

  دۇلوڭجياڭ يېزىسى ماكۇ كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جياڭ لياڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ناھىيەمىزنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، بىزگە تېخىمۇ غەيرەت ئاتا قىلدى. بىز نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى باشقا مىللەتلەر بىلەن بىرلىكتە ھاللىق سەۋىيەگە يۈرۈش قىلىمىز.

  گوڭشەن ناھىيەسىدىكى كادىرلار ۋە ئامما 2014-يىلى يېڭى يىل ھارپىسىدا شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، كۆپ يىلدىن بۇيان ئىنتىزار بولۇپ كەلگەن گاۋلى-گوڭشەن دۇلوڭجياڭ تاشيول تۇنېلىنىڭ پات ئارىدا تۇتاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى دوكلات قىلغان ئىدى، شى جىنپىڭ خەتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن جاۋاب خەت يېزىپ تەبرىكلىگەن ھەم مۇھىم يوليورۇق بەرگەن ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە تۇنېل تۇتاشتۇرۇلۇپ بولدى، دۇلوڭجياڭمۇ نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان قىشتا قاتتىق قار تاغ يولىنى توسۇۋالىدىغان تارىخقا خاتىمە بەردى.

  شى جىنپىڭنىڭ قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولغان گوڭشەن ناھىيەسىدىكى كادىرلار ۋە ئامما ۋەكىللىرى 22-يانۋار چۈشتىن كېيىن دۇلوڭجياڭ يېزىسىغا قايتىپ كەلدى، ئۇلار نەچچە يۈز دۇلوڭ ئاممىسىغا شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنىڭ مەزمۇنىنى خەنزۇچە ۋە دۇلوڭچە يەتكۈزدى.

  گوڭشەن ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى ما جېڭشەن مۇنداق دېدى: يېزا قىياپىتىنى ياخشىلاش، دېھقانلارغا ياردەم بېرىشنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ناھىيەمىزنىڭ تۇرالغۇ شارائىتى، قاتناش ئەسلىھەلىرى، كەسىپ تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي ئىشلىرى ھالقىما تەرەققىي قىلدى، دۇلوڭ ئاممىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا كۈچلۈك ئىشەنچ باغلىدى.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر