باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان توققۇز ھەيئەت ئەزاسى ھازىر قانداق ۋەزىپە ئۆتۈۋاتىدۇ

2015.01.21 08:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ تور بېكىتى 18-يانۋار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى نۇر بەكرىنىڭ دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا تەيىنلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ئىگىلىنىشچە، نۇر بەكرى يەنە ۋۇ شىنشيۇڭنىڭ ئورنىغا چىقىپ، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان.

  بېيجىڭ ياشلار گېزىتى مۇخبىرىنىڭ بايقىشىچە، ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىدا نۇر بەكرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاز سانلىق مىللەت ھەيئەت ئەزاسىدىن توققۇزى باركەن.

  بۇ توققۇز ھەيئەت ئەزاسى موڭغۇل، جۇاڭزۇ، خۇيزۇ، زاڭزۇ، مانجۇ، ئۇيغۇر، چاۋشيەنزۇ مىللىتىدىن ئىبارەت يەتتە مىللەتتىن تەركىب تاپقان. بۇنىڭ ئىچىدە موڭغۇل ھەيئەت ئەزالىرىدىن ئۈچى بار. نۇر بەكرى توققۇز كىشىنىڭ ئىچىدە ئەڭ ياش ھېسابلىنىدىكەن، ئۇ 1961-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، 60-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغانلاردىن پەقەت ئۇ بىرىلا بار، قالغان ئۈچى 55-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان، بەشى 50-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان.

  ھازىرقى ۋەزىپىسىدىن قارىغاندا توققۇز كىشىنىڭ ئۈچى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ رەھبىرى بولۇپ، خۇيزۇ مىللىتىدىن ۋاڭ جېڭۋېي، جۇاڭزۇ مىللىتىدىن ما بياۋ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىكەن. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ھۆكۈمەت تورىدا ئىككىسىنىڭ نام تەرتىپى ئارقىمۇ-ئارقا تىزىلىپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى ئىچىدە 11- ۋە 12-ئورۇندا تۇرىدىكەن. موڭغۇل مىللىتىدىن ياڭ جىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، دۆلەت كومىسسارى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ رەھبىرىكەن. ياڭ جىڭ 2013-يىلى دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىدىن بوشىتىلغاندىن كېيىن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ جېڭۋېي بۇ ۋەزىپىنى قوشۇمچە ئۆتىگەن.

  قالغان ئالتە كىشىنىڭ ئىچىدە ئۈچىسى يەرلىكتە خىزمەت قىلىدىكەن، يەنى جىلىن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بايىنچولۇ، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى باتىر، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بەيما چىلىن. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇدىرى بەي چۈنلى، مەركەز بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چۈەن جېجۇ ۋە نۇر بەكرى كومىتېت، مىنىستىرلىق، پارتىيەنىڭ مەركىزىي ئورگانلىرى قاتارلىق تارماقلاردا خىزمەت قىلغان. 2014-يىلى 8-ئايدا جىلىن ئۆلكىسىنىڭ باشلىقىدىن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسىغا ئۆستۈرۈلگەن بايىنچولۇ، بىردىنبىر ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ھېسابلىنىدىكەن. (مەنبە: بېيجىڭ ياشلار گېزىتى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر