باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلغان مەركىزىي ئىسلاھاتنى ئومۇمىيۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 8-قېتىملىق يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى:

ياخشى ۋەزىيەتنى مۇستەھكەملەپ، يەنىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، پايدىلىق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇمىيۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈزلىكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك

2014.12.31 14:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 30-دېكابىر تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركىزىي ئىسلاھاتنى ئومۇمىيۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 30-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن مەركىزىي ئىسلاھاتنى ئومۇمىيۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 8-قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى، شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل ئىسلاھات ئومۇمىيۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدىغان تۇنجى يىل، ئىسلاھاتتا يۇقىرى-تۆۋەن بىرلەشمە ھەرىكەت قىلىش، تەشەببۇسكار بولۇش، قەدەمنى پۇختا ئېلىش، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشتەك ياخشى ۋەزىيەت شەكىللىنىپ، ئومۇمىيۈزلۈك «ئۇرۇق سېلىش»، بىر بىرلەپ «چېچەكلەش» تەك جانلىق ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى، بەزى مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردا زور ئىلگىرلەش ۋە ئىجابىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، مۇقىم ئېشىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەر كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى. كېلەر يىلى ئىسلاھات ئومۇمىيۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدىغان ھالقىلىق يىل، جاسارىتىمىزنى ئۇرغۇتۇپ، ئىسلاھات ياخشى ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەپ، يەنىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، تۆمۈرنى قىزىقىدا سوقۇپ، پايدىلىق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇمىيۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۈزلىكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيورۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىسلاھاتنى ئومۇمىيۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى كېچياڭ، ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا «2014- يىللىق ئىسلاھاتنى ئومۇمىيۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى خۇلاسە دوكلاتى»، «مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇمىيۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 2015- يىللىق خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى»، «ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارارى، مۇھىم تەدبىرلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇشتىكى 2015- يىللىق خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكتىلەندى: بۇ يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جايلار، تارماقلار ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مەركىزىي ۋەزىپە قىلىپ، ئىدىيە ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇش، بىر تۇتاش پىلانلاش، لايىھەلەش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەشۋىق قىلىشنى تۇتۇش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى تۇتاشتۇرۇپ، مەسىلىلەرنى بىرمۇ بىر ئەگىشىپ ھەل قىلىپ، باسقۇچلار بويىچە پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، لايىھەلەرنى بىر بىرلەپ تەرتىپلىك يولغا قويدى؛ ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىلگىرى سۈردى؛ دېموكراتىيە-قانۇنچىلىق ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى ماس ئىلگىرى سۈردى؛ مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىدا پائال يېڭىلىق ياراتتى؛ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىدا ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، ئىجتىمائىي ئىشلار ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈردى؛ ئېكىئولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىدا ئىزىنىشتە ئېھتىياتچان ئۆز كۆردى؛ پارتىيىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىدا دەرھال ھەرىكەتكە كەلدى ۋە دەرھال ئۆزگەرتتى؛ پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇردى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرستىلدى: 2014- يىلى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى بېكىتكەن 80 مۇھىم ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى، بۇلاردىن باشقا، مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار يەنە 108 ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، 370 تۈرلۈك ئىسلاھات نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. ئەمەلىيەت شۇنى چۈشەندۈردىكى، مەركىزىي ئىسلاھاتنى ئومۇمىيۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ تەشكىلىي رەھبەرلىكى قۇدرەتلىك، كۈچلۈك، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىر مېخانىزمى، بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى، ھەيدەكچىلىك قىلىش-نازارەت قىلىش مېخانىزمى، تەشۋىق قىلىش-يېتەكلەش مېخانىزمىمۇ ئۈنۈملۈك، ئەسقاتىدۇ. بۇ مېخانىزمدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق دېيىلدى: كېلەر يىلى ئىسلاھات ئومۇمىيۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدىغان ھالقىلىق يىل، شۇڭا جاسارىتىمىزنى سۇسلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ. جايلار، تارماقلار ئىسلاھاتنى ئومۇمىيۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش يولغا قويۇلغان تۇنجى يىلدىكى خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ئەسلەپ، تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تېپىپ چىقىپ، قانۇنىيەت ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىسلاھات خىزمىتى ئۈچۈن ياخشى شارائىت ھازىرلىشى كېرەك. مەسئۇلىيەت ئېڭى، مەسىلە ئېڭى، ئۆتكەلگە ھوجۇم قىلىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاش، ماسلاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىشىچانلىقىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، نامايەندىلىك، بەلگىلىك، باغلىنشچانلىق رولىنى ئوينايدىغان ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆتكەلگە ھوجۇم قىلىش، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشقا ئالاقىدار قىيىن مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىپ، بۆسۈپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك قىيىن ئۆتكەل، كېچىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك خەتەرلىك ساھىللارغا بەلگە قويۇپ، رايون، تارماق ھالقىغان مۇقىم ئىسلاھات، ئىش تۈرلىرىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قاتتىق غەيرەت قىلىپ، ئىسلاھاتتىكى قىيىن نۇقتىلار توسالغۇسىز ھوجۇم قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مەركىزىي ئىسلاھاتنى ئومۇمىيۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-، 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئومۇمىيۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەيدەكچىلىك قىلىپ، سىياسەت، لايىھە، كۈچ، سۈرئەتنى بىر تۇتاش پىلانلاشنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇشى كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار ۋەزىپىلەرنى تۈرگە ئايرىشنى چىڭ تۇتۇپ، ۋەزىپىلەرنى تاماملاش ۋاقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلۈشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا «جىنايى ئىشلار دەۋاسىدىكى دېلوغا چېتىشلىق مال-مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلىشنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى پىكىر» قاراپ چىقىپ ماقۇللادى. يىغىندا مۇنداق دېيىلدى: جىنايى ئىشلار دەۋاسىدىكى دېلوغا چېتىشلىق مال-مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش جىنايەتچىلەرنى توغرا جازالاش، ئىنسانىي ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ ئىشەنچىلىك بولىشىنى ئاشۇرىدىغان مۇھىم تەدبىر. دېلوغا چېتىشلىق مال-مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلىش ئوخشاش بولمىغان دەۋا ساھەسى، قانۇن ئىجرا قىلىش، ئەدلىيە ھالقىسىغا تاقىلىدىغان بولۇپ، تارماق، رايون ھالقىغان مۇرەككەپ خىزمەت، بۇنىڭ سىياسەتچانلىقى، مەشغۇلاتچانلىقىغا يۇقىرى تەلەپ قويۇلىدۇ، جايلار، تارماقلار مۇستەھكەم ئومۇمىيەت ئېڭى تۇرغۇزۇپ، ماسلاشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، دېلوغا چېتىشلىق مال-مۈلۈكنى مەركەزلىك باشقۇرۇش ئۇچۇر سۇپىسىنى تېزلىكتە قۇرۇپ، دېلوغا چېتىشلىق مال-مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت تارماقلىرى قانۇنغا باشلامچىلىق بىلەن رىئايە قىلىپ، دېلوغا چېتىشلىق مال-مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىغا ئارىلاشماسلىقى كېرەك. چېگرا سىرتىدىكى ھارام مالنى قايتۇرۇۋېلىش، قېچىپ يۈرگەنلەرنى تۇتۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، چېگرا سىرتىدىكى ھارام مالنى قايتۇرۇۋېلىش، قېچىپ يۈرگەنلەرنى تۇتۇش خىزمىتى تۈزۈلمىسى، مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۈرى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش شەكلىدىن پايدىلىنىپ، ھارام مالنى قايتۇرۇۋېلىش، قېچىپ يۈرگەنلەرنى تۇتۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار دېلوغا چېتىشلىق مال-مۈلۈكنى ئېنىقلاش ئۆلچىمى ۋە دائىرىسىنى بېكىتىش قاتارلىقلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى، جايلار ۋە قانۇن يۈرگۈزگۈچى ئورگانلار سىياسەتنى ئىجرا قىلىشتىكى بىردەكلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  يىغىندا يەنە ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسى ئورنىتىش، جامائەت خەۋپسىزلىكى ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى ئومۇمىيۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىندى.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر