- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ليۇ يۈنشەن 7-نۆۋەتلىك 10+3 تاراتقۇلىرىنىڭ ھەمكارلىق مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقان چەتئەل ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى
2014.12.18 10:57 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن تۆنۈگۈن چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا 7-نۆۋەتلىك شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن جۇڭگو، ياپونىيە، كورىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ھەمكارلىق مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن چەتئەل ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.
ليۇ يۈنشەن 21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى بويىدىكى ھەر قايسى دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاخبارات مەھسۇلاتلىرىنى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۇچۇر ئالاقىسى ئارقىلىق خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرۇپ، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلدى. ليۇ يۈنشەن يەنە جۇڭگو ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ھالىتى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى سۈرۈشتۈردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر