ئىككى رەھبەر ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك پىلانلاپ، جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ مۇناسىۋىتىگە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلدى
گېزىتىمىز، بېيجىڭ، 4-دېكابىر تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12-ئاينىڭ 4-كۈنى خەلق سارىيىدا، جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇما بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقا مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك پىلانلاپ، جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقا مۇناسىۋىتىنى ئورتاق تىرىشىپ سىياسىي ئۆز ئارا ئىشىنىدىغان، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆزئارا ئەينەك قىلىدىغان، خەۋپسىزلىكتە ئۆزئارا ياردەملىشىدىغان ئومۇميۈزلۈك ئىستىراتېگىيىلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋەت دەرىجىسىگە كۆتىرىشنى قارار قىلدى.
مەنبە: خەلق تورى