- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مەركەزنىڭ بۇ يىلدىكى 3-قېتىملىق كۆزىتىش خىزمىتى باشلاندى
13 كۆزىتىش گۇرۇپپىسى ئورنىغا بېرىپ بولدى
2014.12.01 15:33 مەنبە: خەلق تورى
«خەلق گېزىتى»، بېيجىڭ، 30-نويابىر تېلېگراممىسى. مەركەزنىڭ 5-كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ خىزمەتلىرىنى كۆزىتىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى 30-نويابىر ئېچىلدى. بۇنىڭ بىلەن، 2014-يىلىدىكى 3-قېتىملىق كۆزىتىش گۇرۇپپىلىرى 13 ئورۇنغا بېرىپ بولدى ھەم سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى.
مەركەزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، 2014-يىللىق مەركەزنىڭ 3-قېتىملىق كۆزىتىش خىزمىتىدە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، جۇڭگو خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسى، جەنۇب ئاۋىئاتسىيەسى، جۇڭگو كېمىچىلىكى، جۇڭگو بىرلەسمە ئالاقىچىلىكى، جۇڭگو دېڭىز-ئوكيان تىرانسىپورتى، «خۇادىيەن» گۇرۇھى، «شەرق شامىلى» ئاپتوموبىلى، «شېنخۇا» گۇرۇھى، جۇڭگو نېفىت-خىمىيە گۇرۇھى قاتارلىق 13 ئورۇندا مەخسۇس كۆزىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر