- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى
جۇڭگو مۇلازىمەت تاشقى ھۆددىگەرلىكىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرىدۇ
2014.11.28 14:39 مەنبە: خەلق تورى
ئاتمۇسفىرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى ماقۇللاندى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 26-نويابىر گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا مۇلازىمەت تاشقى ھۆددىگەرلىكى كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تاشقى سودا رىقابىتىدە يېڭى ئەۋزەللىك يارىتىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش خادىملىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش بېكىتلدى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى(تۈزىتىش لاھىيەسى)» مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللاندى. يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئىسلاھات-يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا بازىغا يۈزلىنىپ، يۇقىرى تېخنىكىلىق، يۇقىرى قوشۇلما قىممەتلىك مۇلازىمەت تاشقى ھۆددىگەرلىكىدىن ئىبارەت بۇ «يېشىل كەسىپ»نى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خەلقنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى ۋە يېڭىلىق يارىتىشىا تۈرتكە بولۇپ، تۆۋەن تەننەرخكە تايىنىپ رىقابەتلىشىشنى كۆپرەك ھالدا ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق غەلىبە قازىنىشقا ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قۇرۇلما تەڭشەشنى ئالغا سىلجىتىش، كەسىپنىڭ دەرىجسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ يېڭى تىرىكىنى، تاشقى سودىنى ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى يارقىن نۇقتىسىنى، زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يېڭى موتورىنى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ يېڭى يوللىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر