باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەن «پىكىر» تارقىتىپ جەمئىيەتنىڭ بەش خىل ساھەگە مەبلەغ سېلىشىنى ئىلھاملاندۇردى

2014.11.28 14:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 26-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، گوۋۇيۈەن تارقاتقان «نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىش ۋە يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ جەمئىيەتنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ئىلھام بېرىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى»دە (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يېتەكچى پىكىر» دەپ ئاتىلىدۇ)، بازارنىڭ سۇبيېكتلىق ھاياتىي كۈچى ۋە تەرەققىيات يوشۇرۇش كۈچىنى قوزغاپ، ئۈنۈملۈك مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئاجىز ھالقىلارنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى مەھسۇلاتلارنىڭ ئۈنۈملۈك تەمىنلىنىشىنى ئاشۇرۇپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، يېتەرسىزلىكنى تولۇقلاش، خەلق تۇرۇمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  «يېتەكچى پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ دېھقانچلىق ۋە سۇ قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىشىپ تىجارەت قىلىشىغا ئېلھام بېرىش؛ شەھەر مەمۇرىيىتىنىڭ ئۇل ئەسلىھەگە مەبلەغ سېلىپ تىجارە قىلىشىنى بازارلاشتۇرۇشى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىگە مەبلەغ سېلىشىنى كۈچەيتىشكە ئىلھام بېرىش؛ خەلق كاپىتالىنىڭ كەڭ بەلباغلىق تور قۇرۇلۇشىغا مەبلەش سېلىشىغا ئىلھام بېرىش، پۇقراۋى بوشلۇق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىش؛ ئىجتىمائىي مەبلەغنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلاردىكى سېلىنما سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا ئىلھام بېرىش.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر