باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەخسۇس سەھىپە>>شى جىنپىڭ 20 دۆلەت گوروھى باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتناشتى>>يېڭىلىقلار

دۇنيا ئىقتىسادىنى تۈزەشنىڭ يېڭى يولى ھەققىدە ئىزدىنىش

− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 9-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشقانلىقى ھەققىدە

2014.11.17 16:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 15~16-كۈنلىرى ئاۋىستىرالىيەنىڭ «قۇياش شەھىرى» بىرىسباندا 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى يىغىنىغا 2-قېتىم قاتناشتى.

  دۇنيا ھازىر مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان ۋە چوڭقۇر تەڭشىلىش باسقۇچىدا تۇرماقتا.

  دۇنيادىكى ئاساسلىق تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر ۋە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنى قاپلىغان 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى يىغىنى 2008-يىلىدىكى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ بىۋاسىتە تەسىرىدە بارلىققا كەلگەن، دۇنيا ئىقتىسادىنى تۈزەشنىڭ يېڭى سۇپىسى بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە مۇھىم بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان.

  ئاۋىستىرالىيە زۇڭلىسى ئاببوتنىڭ تەشەببۇسى بىلەن، بۇ قېتىمقى 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى يىغىنى 15-نويابىر چۈشتىن بۇرۇنقى بىرىسباندا غەيرىي رەسمىي قارالما بويىچە باشلاندى. بۇنىڭدىن بۇرۇن 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى يىغىنىدىن باشقا يەنە بىر غەيرىي رەسمىي قارالما باشلىنىپ بولغانىدى.

  ئەتىگەن سائەت 8 يېرىمدا، ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى بىرىسباندىكى خانلىق باغچىسى مېھمان سارىيىدا ئۇچراشتى. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى روسسېف، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى، جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇمالار ئارىدىن 4 ئاي ئۆتە-ئۆتمەيلا يەنە كۆرۈشتى. جۇڭگو قاتارلىق گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرىنىڭ ئوپچە باش كۆتۈرۈپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، زىچ ھەمكارلىشىپ، خەلقئارا سۆز ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى 21-ئەسىردىكى دۇنياۋى ئۆزگىرىشلەرنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى بولۇپ قالدى. 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى يىغىنىدىن بۇرۇن، ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ ئالدىن كېڭىشىپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. (شۈ جيەنمېي، لى بىن خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر