- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


خەلق ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرى «خەلق»نىڭ ئىشى
2014.10.20 14:08 مەنبە: خەلق تورى
باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت سۆھبەت يىغىنىدا «خەلق» دېگەن سۆزنى ئەڭ كۆپ ئىشلەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات-سەنئەت تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، خەلقنىڭ ئەدەبىيات-سەنئىتىدۇر. ئەدەبىيات-سەنئەت خەلقنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرۈشى، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، سوتسىيالىزم ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. باش شۇجى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلق ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ مەنبەسى، ئەدەبىيات-سەنئەت خەلقتىن ئايرىلسا يىلتىزسىز لەش، كېسەلسىز نالە ۋە روھسىز تەنگە ئايلىنىپ قالىدۇ. مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى روياپقا چىقىرىش، نېگىزىدىن ئېيتقاندا، خەلقنى، خەلقنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرى ۋە ئارزۇ-ئىستەكلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈش-ئەتتۈرمەسلىككە باغلىق. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ يەنئەن ئەدەبىيات-سەنئەت سۆھبەت يىغىنىدىكى نۇتىقىنىڭ روھىنى راۋاجلاندۇرغان بولۇپ، دەۋرىمىزدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ يۈرەك سۆزىنى ياڭراتتى، خەلق ئەدەبىيات-سەنئىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، خەلق ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىشەنچىمىزنى ئۇرغۇتتى.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە : خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر