- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


لى كېچياڭ مائارىپ، پەن، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ساھەسىدىكى زاتلار ۋە ئاساسىي قاتلام ئامما ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى
2014.01.20 14:30 مەنبە: خەلق تورى
ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى پىكىر-تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 17-چېسلا چۈشتىن كېيىن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ جۇڭنەنخەيدا سۆھبەت يىغىنى چاقىرىپ، مائارىپ، پەن، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ساھەسىدىكى زاتلار ۋە ئاساسىي قاتلام ئامما ۋەكىللىرىنىڭ «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)» ھەققىدىكى پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى.يىغىندا 10 ۋەكىل ئەركىن-ئازادە پىكىر بايان قىلدى، كەيپىيات ناھايىتى ياخشى بولدى. كۆپچىلىك ئۆز نۇقتىسىنى چىقىش قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق تەرەققىياتى ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى سۆزلىدى، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتىكى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى مەزمۇنلارنى يەنىمۇ بېيىتىشنى چۆرىدىگەن ھالدا كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى ۋە تەكلىپ بەردى. (چېن ئېرخوۋ، ۋۇ جىڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر