- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مەركەزنىڭ رەھبىرىي كادىرلار ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چەكمەسلىك بەلگىلىمىسى ھەققىدە
2014.01.07 15:23 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
يېقىندا مەركەزنىڭ رەھبىرى كادىرلار ئاممىۋىي سورۇنلاردا تاماكا چەكمەسلىك ھەققىدىكى يېڭى بەلگىلىمىنىڭ چىقىرىلىشىغا ئەگىشىپ، جايلاردا تاماكا چەكلەش، كونترول قىلىش سادالىرى ئۈزۈلمىدى، مۇتەخەسىسسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ قېتىم مەركەزنىڭ يېڭى بەلگىلىمىسىدە رەھبەرلەر باشلامچى بولۇش دېگەن بۇ ئاچقۇچ چىڭ تۇتۇلدى، ئامما ۋە جامائەت پىكىرىگە نازارەت قىلىش ھوقۇقى بېرىشكە كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىندى، بۇ ئاممىۋىي سورۇنلار مۇھىتىنى ساپلاشتۇرۇش، ھۆكۈمەت پۇلىغا تاماكا سېتىۋېلىش، كادىرلاردىكى ناچار ئادەت، يامان ئىستىلنى تۈزىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە چوڭقۇر تەسىر قوزغايدۇ.
مەركەزنىڭ« رەھبىرى كادىرلار ئاممىۋىي سورۇنلاردا تاماكا چەكمەسلىككە ئالاقىدار ئىشلار ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش» مۇشۇ بىرقانچە كۈندە جەمئىيەتنىڭ كەڭ دېققەت ئېتىبارنى قوزغىدى، جايلار تۇشمۇ تۇشتىن يەرلىك تاماكا كونترول قىلىش، چەكلەش يېڭى بەلگىلىمىلىرىنى چىقاردى. 1-يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلغان« لەنجۇ شەھىرىنىڭ ئاممىۋىي سورۇنلاردا تاماكا چېكىشنى كونترول قىلىش نىزامى»دا ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەر، تورخانىلار، تەنتەربىيە مەيدانلىرى قاتارلىق 8 چوڭ سورۇندا تاماكا چېكىشنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش، ئاشپۇزۇل، مېھمانخانا، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى قاتارلىق تۆت چوڭ سورۇندا تاماكا چېكىشنى چەكلەش بەلگىلەندى، لەنجۇ ئومۇميۈزلۈك تاماكا كونترول قىلىش دەۋرىگە كىردى.
1-مارت يولغا قويۇلىدىغان « چاڭچۈن شەھىرىنىڭ تاماكا ئىسىنىڭ زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش نىزامى»دىكى بەلگىلىمە تېخىمۇ ئىنچىكە، كۈچى تېخىمۇ زور بولدى، ئۇنىڭدا: مەمۇرلار ئاممىۋى سورۇنلاردا ۋە ئامما ئالدىدا تاماكا چەكمەسلىكى، دوختۇرلار بىمار ئالدىدا تاماكا چەكمەسلىكى، ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا تاماكا چەكمەسلىكى، ئاتا ئانىلار پەرزەنتلىرى ئالدىدا تاماكا چەكمەسلىكى، ھەرقانداق كىشى ئاياللار، بالىلار ۋە ياشانغانلار توپلاشقان پائالىيەت سورۇنلىرىدا تاماكا چەكمەسلىكى كېرەك، قورامىغا يەتمىگەنلەرگە تاماكا سېتىپ بەرگۈچىلەرگە ئەڭ يۇقۇرى بولغاندا 30 مىڭ يۈەن جەرمانە قويىلىدۇ دەپ بەلگىلەندى.
بېيجىڭ شەھىرى 2015-يىلغا بارغاندا ئۆي ئىچىدە ئومۇميۈزلۈك تاماكا چېكىشنى چەكلەشنى پىلانلىدى، نۇرغۇن ئۆلكە، شەھەرلەرمۇ تاماكا چەكلەش ۋە كونترول قىلىش ھەققىدە نۇرغۇن نىزام، قانۇن بەلگىلىمىلەرنى چىقاردى، تاماكا چەكلەش ۋە كونترول قىلىش ئالتۇن دەۋرنى كۈتۈۋالدى.
مەركەزنىڭ تاماكا چېكىشنى چەكلەش بۇيرۇقى چىقىرىلغاندىن كېيىن تاماكىغا خۇمار بولۇپ قالغان بەزى رەھبىرى كادىرلار ھەممىنىڭ دېققەت مەركىزى بولۇپ قالدى، ئەنخۇيدىكى بىر كۈندە ئىككى قاپ تاماكا چېكىدىغان بىر ناھىيىلىك پارتكوم شۇجىسى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ بىرقانچە كۈندە مېنىڭ تېلېفونىم پارتلاپ كېتەي دېدى، يۇقۇرىدىن دەرھال تاماكا تاشلاشقا بۇيرۇلدۇم، ئوخشاش دەرىجىدىكى كادىرلار بەزىلىرى ماڭا چاقچاق قىلىپ: بۇنىڭدىن كېيىن يەنە چېكەمدۇق؟ ۋاقتىنچە چېكەلمىسەك خىزمەتتە چىداپ چەكمەي، ئۆيگە بېرىپ چېكەيلى دېدى.
شەندوڭ ئۆلكىسى مەلۇم نازارەت ئىشخانىسىدىكى بىر كادىرنىڭ بېشى قاتتى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن ھەمىشە ئىشخانىدا كېچىلەپ تاماكا چېكىپ ماترىيال يازىمەن، بولمىسا ئۇخلاپ قالىمەن، ھازىرقى يېڭى بەلگىلىمە بويىچە ئىش ۋاقىتدا بىنانىڭ ھەرقانداق يېرىدە چەككىلى بولمايدىكەن. ئەگەر تاماكا چېكىۋاتقىنىمنى ئىش بېجىرگىلى كەلگەن ئامما سۆرەتكە تارتىپ تورغا چىقىرىۋەتسە يۈزۈم تۆكۈلدى دېگەن گەپ، مەن بىر تال تاماكا ئۈچۈن تەنقىدكە ئۇچراپ، جەرمانە تۆلەشنى خالىمايمەن، ئۇنىڭدىن دەرھال تاشلىغىنىم ياخشى.
2003-يىلى جۇڭگو دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ« تاماكا كونترول قىلىش رامكا ئەھدىنامىسى» گە ئىمزا قويغان، ئەھدىنامە بويىچە جۇڭگو 2011-يىلى بارلىق ئىشخانا، ئاممىۋى سورۇن قاتارلىق جايلاردا پۈتۈنلەي تاماكا چەكمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك ئىدى، بۇ مەزگىلدە سەھىيە مىنىستىرلىقى ۋە قىسمەن شەھەرلەرمۇ ئالاقىدار قانۇن نىزاملارنى چىقاردى، ئەمما ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى.
تەكشۈرۈشتىن ئايان بولىشىچە، ئېلىمىزدە تاماكا چېكىپ باشقىلارنى ئىسلايدىغانلار ئىچىدە ئەر مەمۇرلارنىڭ تاماكا چېكىش نىسبىتى ئەڭ يۇقۇرى بولۇپ، %61 گە يېتىدىكەن، ئۇنىڭدىن قالسا ئەر ئوقۇتقۇچىلار بولۇپ%50.2 گە يېتىدىكەن، ئەر دوختۇرلار %47.3 گە يېتىدىكەن. سەنشى ئۆلكىسى خېچۇ ناھىيەسىنىڭ سابىق سىياسىي كېڭەش رەئىسى ئىلگىرى يىغىن ئاچقاندا ھۆكۈمەت پۇلىدىن 60 مىڭ يۈەن خەجلەپ 150 بولاق تاماكا سېتىۋالغان ھەمدە يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ ھەر بىرىگە كۈنىگە بىر قاپتىن تارقىتىپ بەرگەن، خۇبېي ئۆلكىسى گوڭئەن ناھىيەسىدە 2009-ۋە 2013-يىلى ئىككى قېتىم قىزىل تامغىلىق ھۆججەت شەكلىدە تاماكا سېتىش مەجبۇرىي كىشى بېشىغا تەقسىم قىلىنىغان، ناھىيە بويىچە كىشى بېىشىغا 60 قاپ تاماكا توغرا كەلگەن ئىدى.
نۇرغۇن مۇتەخەسسسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: مەركەزنىڭ تاماكا چەكلەش ھەققىدىكى يېڭى بەلگىلىمىسى ئېلىمىزنىڭ تاماكا كونترول قىلش، چەكلەش ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە «رەھبەرلەر باشلامچى بولۇش »دېگەن بۇ سۆزدە مەسلىنىڭ ئاچقۇچى تۇتۇلدى.
جۇڭگو تاماكا كونترول قىلش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى خۇاڭ جېفۇ مۇنداق دېدى: ناھايىتى كۆپ رەھبىرىي كادىرلار ئۇزاق مۇددەت تاماكا چەكسە ئۆزىگە زىيانلىق بولۇپلا قالماي يەنە ئورۇنلارنىڭ تاماكىسىز مۇھىت يارىتىشىغا پايدىسز بولۇپ ياخشى ئۈلگە بولالمايدۇ، بۇ قېتىم مەركەزنىڭ يېڭى بەلگىلىمىسىنىڭ ئېلان قىلىنىشى ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ئاممۋىي سورۇنلاردا تاماكا چەكمەسلىكىگە تۈرتكە بولۇپلا قالماي يەنە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ باشلامچىلىق ئۈلگىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر