- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشتىن بۇيان پارتىيەمىزنىڭ يولداش ماۋ زېدۇڭغا بەرگەن مۇھىم باھالىرى
2013.12.26 17:32 مەنبە: خەلق تورى
يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ پارتىيە ۋە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ياراتقان تارىخىي نەتىجىلىرى، ئۇنىڭ ئالاھىدە تارىخىي ئورنى ۋە چوڭقۇر تارىخىي تەسىرى توغرىسىدا، پارتىيەمىز ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشتىن بۇيان بىر قىسىم مۇقىم مۇھىم باھالارنى قەدەممۇ قەدەم شەكىللەندۈردى. بۇ باھالارنى ئىگىلەش ئۇلۇغ تارىخىي شەخس ماۋ زېدۇڭنىڭ كونكرېت ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇلۇغ نەتىجىلىرىنى چوڭقۇر تونۇشىمىزغا پايدىلىق.
«يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ رەھبەرلىكى بولمىغان بولسا، جۇڭگو خەلقى زۇلمەتتە يەنە نۇرغۇن يىل ئارتۇق ياشاپ ئاندىن غەلىبىگە ئېرىشكەن بولاتتى.»
«يولداش ماۋ زېدۇڭ ئۇلۇغ ماركسىزمچى، ئۇلۇغ پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى، ئىستىراتېگىيەچىسى ۋە نەزەرىيەچىسى.»
«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسلىق قۇرغۇچىسى.»«يېقىنقى زامان جۇڭگودىكى ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەر ۋە مىللىي قەھرىمان.»جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۈچۈن «تۈپ سىياسىي ئالدىنقى شەرت ۋە تۈزۈم ئاساسى سېلىپ»، «قىممەتلىك تەجرىبە، نەزەرىيە تەييارلىقى، ماددىي ئاساس بىلەن تەمىنلىدى.»
بۇ باھالاردا نەچچە ئەۋلاد كوممۇنىستلارنىڭ تارىخىي بۇرچىنىڭ يىلتىزداش ئىكەنلىكى، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھاتتىن ئىبارەت ئۈچ تارىخىي مەزگىلنىڭ ئۆزئارا زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى ئىلمىي تارىخ قارىشى ئارقىلىق ئىزاھلانغان. پارتىيەمىز قىلغان بۇ ئۈچ چوڭ ئىشتا، ئالدىنقىسى كېيىنكىسىگە باشلامچى بولسا، كېيىنكىسى ئالدىنقىسىنىڭ داۋامى ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ «تۈپ سىياسىي ئالدىنقى شەرت، تۈزۈم ئاساسى، قىممەتلىك تەجرىبە، نەزەرىيە تەييارلىقى، ماددىي ئاساس» دېگەن بەش ئۇقۇمدا يولداش ماۋ زېدۇڭ ۋە ئۇنىڭ دەۋرداشلىرىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يارىتىش ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسى ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن شەرھلەنگەن، شۇنداقلا پارتىيەمىز قىلغان ئالدىنقى ئىككى چوڭ ئىش بىلەن ئۈچىنچى چوڭ ئىش ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى چۈشەندۈرۈلگەن. بۇ ئۈچ ئىشتا نۇرغۇن پەرقلەر بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار يىلتىزداشتۇر، ئىككىنچى چوڭ ئىش ئۈچىنچى چوڭ ئىش ئۈچۈن ئىدىيەۋى، ماددىي ۋە تۈزۈم شارائىتى ياراتقان بولسا، ئۈچىنچى چوڭ ئىش ئىككىنچى چوڭ ئىشنىڭ داۋاملاشتۇرۇلىشى، ئىسلاھ قىلىنىش ۋە راۋاجىدۇر.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر