- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


لى كېچياڭ: ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىدىغان، تىرىشچان-پاك خەلق چاكارلىرىدىن بولايلى
2013.12.18 16:01 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك «خەلق رازى بولغان مەمۇر»، «خەلق رازى بولغان مەمۇرلار كوللېكتىپى»نى تەقدىرلەش يىغىنى 17-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ تەقدىرلەنگەنلەر ۋە يىغىنغا قاتناشقۇچىلار بىلەن كۆرۈشتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
لى كېچياڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن تەقدىرلەنگەن شەخس ۋە كوللېكتىپلارنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: خەلقنىڭ رازىمەنلىكى مەمۇرلار ئۈچۈن ئالىي شان-شەرەپ. تەقدىرلەنگەن يولداشلارنىڭ كۆپ قىسمى ئاساسىي قاتلامدىكى ئاددىي ئىش ئورۇنلىرىدىن كەلگەن، ئۇزاقتىن بۇيان چەت-يىراق، جاپالىق رايوندا خىزمەت قىلغان، كۆپچىلىك ئامما ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ تىرىشىپ ئىشلەپ، ئاددىي خىزمەت ئورنىدا كاتتا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن، بۇ خىل روھنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا ئەرزىيدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر