- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


پۈتۈن پارتىيەدە تارىخىي ماتېرىيالىزمنى ئۆگىنىش ۋە ئىگىلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇنىيەتنى تېخىمۇ ياخشى تونۇپ، خىزمەتلەرنى تېخىمۇ پائال ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك
2013.12.06 09:02 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
شى جىنپىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 11 – قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە: پۈتۈن پارتىيەدە تارىخىي ماتېرىيالىزمنى ئۆگىنىش ۋە ئىگىلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇنىيەتنى تېخىمۇ ياخشى تونۇپ، خىزمەتلەرنى تېخىمۇ پائال ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 – دېكابىر تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 3 – دېكابىر چۈشتىن كېيىن تارىخىي ماتېرىيالىزمنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى ۋە مېتولوگىيەسى توغرىسىدا 11 – قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن پارتىيەدە تارىخىي ماتېرىيالىزمنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى ۋە مېتولوگىيەسىنى ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت ئەھۋالىنى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى، تارىخىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى تونۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تېخىمۇ پائال ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى گو جەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ پىروفېسسورى خەن چىڭشياڭ بۇ مەسىلە توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى ھەم ئۆزلىرىنىڭ پىكىر، تەكلىپلىرىنى سۆزلىدى.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار ئۇلارنىڭ لېكسىيەسىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇھاكىمە يۈرگۈزدى.
شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ماركسىزملىق پەلسەپە ئوبيېكتىپ دۇنيا، بولۇپمۇ ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي قانونىيەتلىرىنى چوڭقۇر ئېچىپ بەرگەن بولۇپ، ھازىرقى دەۋردىمۇ يەنىلا كۈچلۈك ھاياتىي كۈچكە ئىگە، پارتىيەمىزنىڭ ئىلگىرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان كۈچلۈك ئىدىيەۋى قورال. پارتىيەمىز تارىخىي ماتېرىيالىزمدىن پايدىلىنىپ، جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي ھەرىكىتى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى سىستېمىلىق، كونكرېت ۋە تارىخىي نۇقتىدا تۇرۇپ تەھلىل قىلىپ، دۇنيانى تونۇش ۋە دۇنيانى ئۆزگەرتىش جەريانىدا قانۇنىيەتنى ئۈزلۈكسىز ئىگىلەپ ۋە پائال قوللىنىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈردى. تارىخ ۋە ئەمەلىيەت شۇنى كۆرسىتىپ بەردىكى، تارىخىي ماتېرىيالىزمدا چىڭ تۇرغاندىلا، جۇڭگوچە سوتسيالىزمنىڭ قانۇنىيەتلىرىگە بولغان تونۇشنى يېڭى سەۋىيەگە يەتكۈزۈپ، ھازىرقى جۇڭگودىكى ماركسىزم تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز ئاچالايمىز.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئىجتىمائىي مەۋجۇدىيەت ئىجتىمائىي ئاڭنى بەلگىلەيدۇ. پارتىيەمىزنىڭ ھازىرقى باسقۇچتا ئوتتۇرىغا قويغان ۋە يولغا قويغان نەزەرىيە، لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنىڭ توغرا بولۇشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇلار ئېلىمىزنىڭ ھازىرقى دەۋردىكى ئىجتىمائىي مەۋجۇدىيەتنى ئاساس قىلغان. پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئومۇمىي جەھەتتىن ئورۇنلاشتۇردى، بۇ ئېلىمىزنىڭ ھازىرقى ئىجتىمائىي مەۋجۇدىيىتىنى چىقىش نۇقتىسى قىلغان، يەنى ئېلىمىزنىڭ ھازىرقى ئىجتىمائىي ئوبيېكتىپ شارائىتىنىڭ يىغىندىسىنى چىقىش قىلغان، ئېلىمىزنىڭ ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالى ۋە تەرەققىيات تەلىپىنى چىقىش قىلغان. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جەمئىيەتتىكى ئاساسىي زىددىيەتنى تەھلىل قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىپ ۋە ئىگىلەپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىش كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ۋە ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتىنىڭ زىددىيەتلىك ھەرىكىتىنى ئىقتىسادىي بازىس ۋە ئۈستقۇرۇلمىنىڭ زىددىيەت ھەرىكىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ كۆزىتىپ، جەمئىيەتتىكى ئاساسىي زىددىيەتنى بىر پۈتۈن گەۋدە نۇقتىسىدا تۇرۇپ كۆزەتكەندىلا، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي قىياپىتى ۋە تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىگىلى بولىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ماددىي ئىشلەپچىقىرىش ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ئاساسى، دېگەن قاراشنى ئۆگىنىپ ۋە ئىگىلەپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ زور مۇناسىۋىتىنى توغرا ئىگىلەش كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش كۈچى جەمئىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەڭ جانلىق، ئەڭ ئىنقىلابىي ئامىل. سوتسيالىزمنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، تەرەققىيات يەنىلا ئېلىمىزدىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى، دېگەن بۇ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ھۆكۈمدە چىڭ تۇرۇپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ماددىي بايلىقنىڭ ئۈزلۈكسىز بېيىشى بىلەن ئىنسانلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنىڭ بىردەكلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ۋەزىپىنى زىچ چۆرىدەپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئىسلاھاتنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنى ئىسلاھاتقا كۈچلۈك يېتەكچى قىلغاندىلا، ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى، ئۈستقۇرۇلما بىلەن ئىقتىسادىي بازىسنىڭ ئۆزئارا ماسلىشىشىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلق تارىخنىڭ ياراتقۇچىسى دېگەن قاراشنى ئۆگىنىپ ۋە ئىگىلەپ، خەلققە تايىنىپ ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. خەلق تارىخنىڭ ياراتقۇچىسى. ئەڭ كۆپ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى رېئاللاشتۇرۇش، قوغداش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل بەھرىمەن قىلىش كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندىلا ئىسلاھاتتا نى – نى ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ.
شى جىنىپڭ مۇنداق دېدى: پارتىيەمىز جۇڭگودىن ئىبارەت 1 مىليارد 300 مىليون نوپۇسقا ئىگە چوڭ دۆلەتتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىنتايىن مۇرەككەپ مۇھىتقا دۇچ كەلمەكتە، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە مۈشكۈل بۇرچنى زىممىسىگە ئالماقتا، ئەگەر نەزەرىيەۋى تەپەككۇرنىڭ كۈچلۈك تىرىكى بولمىسا، تۈرلۈك خەتەر ۋە قىيىنچىلىقلارنى يەڭگىلى بولمايدۇ، شۇنداقلا ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىگىلى بولمايدۇ. پارتىيەدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار كىلاسسىك ئەسەرلەرنى تولۇق ئۆگىنىپ ۋە تەتقىق قىلىپ، ماركسىزىملىق پەلسەپەنى تىرىشىپ ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىغا ئايلاندۇرۇپ، غايە، ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر ئىقتىدارى، ئۇنىۋېرسال تەدبىر بەلگىلەش ئىقتىدارى، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇلارغا باشلامچىلىق قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر