باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ: جۇڭگو-ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ئىقتىسادنى ئورتاق ئاشۇرۇپ، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىدىغان يېڭى مۇساپىنى باشلايلى

2013.12.03 17:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 2-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن خەلق چوڭ سارىيىدا ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كامىرون بىلەن بىرلىكتە جۇڭگونىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتى تەشكىللەنگەندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق جۇڭگو-ئەنگلىيە زۇڭلىلىرى يىللىق ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزدى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو-ئەنگلىيە مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا، رايون مەسىلىلىرى ھەققىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى ھەم مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيە خەلقئارا كۆز تىكىۋاتقان، مۇھىم تەسىرگە ئىگە دۆلەتلەر بولغاچقا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتى ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولۇپلا قالماي، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، گۈللىنىشى، تەرەققىياتى ۋە ئىلگىرىلىشىگىمۇ پايدىلىق. ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر-بىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلىرىنى توغرا چۈشىنىپ ۋە ئۇنىڭغا ئېتىبار بېرىپ، نازۇك مەسىلىلەرنى ئوبدان بىرتەرەپ قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولۇشى ۋە تېخىمۇ مول نەتىجىگە ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇشى لازىم. (جاۋ چېڭ، جاۋ مىڭخاۋ خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر