باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

يىغىندا ساختا، ناچار تاۋارلارنى ياساش، سېتىش ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا چېقىلىش مەمۇرىي جازا دېلو ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش توغرىسىدىكى پىكىر ماقۇللاندى، كۆچمەس مۈلۈكنى بىرلەشتۈرۈپ تىزىملاش مەسئۇلىيىتى بېكىتىلدى.

2013.11.21 16:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 11-ئاينىڭ 20-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا ساختا، ناچار تاۋارلارنى ياساش، سېتىش ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا چېقىلىش مەمۇرىي جازا دېلو ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش توغرىسىدىكى پىكىر ماقۇللاندى، كۆچمەس مۈلۈكنى بىرلەشتۈرۈپ تىزىملاش مەسئۇلىيىتى بېكىتىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى، ئادىل رىقابەت بازار ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئاساسىي تەلەپ. نۆۋەتتە دۆلىتىمىز ئىسلاھاتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئىقتىساد تىپىنى ئۆزگەرتىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ھالقىلىق باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، شۇڭا مەھسۇلات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىشنى يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇش ئىنتايىن مۇھىم. ساختا، ھوقۇققا چېقىلىش مەمۇرىي جازا دېلو ئۇچۇرلىرىنى قانۇن بويىچە ئاشكارىلاش، خەلق ئاممىسىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىش، سۈپەت ۋە كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىستېمالچىلارنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، يېڭىلىق يارىتىپ ئىگىلىك تىكلەشكە ئىلھام بېرىشتىكى «ياخشى تەدبىر»، ئادىل رىقابەت بازار تەرتىپىنى قوغداشقا، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداشقا، قانۇن ئىجرا قىلىش ئىناۋېتىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق. ناچارلىرىغا جەرىمانە قويۇش، ئەلالىرىنى مۇكاپاتلاش دېگەنلىك بولىدۇ، يامان نىيەتتە ناچار تاۋار ياسىغان، ساتقان، بولۇپمۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىغا زىيان سالغۇچىلارغا يۇقىرى بەدەل تۆلىتىپ، قانۇنغا رىئايە قىلغان تىجارەتچىلەرگە يولنى كەڭ ئېچىپ بېرىپ، ئۇلارنى تەقدىرلەپ ۋە مۇكاپاتلاپ، كەڭ پەن-تېخنىكا خادىملىرىنىڭ دادىل يېڭىلىق يارىتىشىغا، خاتىرجەم ئىگىلىك تىكلىشىگە يول كۆرسىتىپ بېرىشىمىز لازىم.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر