- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئىسلاھات بايرىقىنى تېخىمۇ ئېگىز كۆتۈرەيلى(2)
2013.11.19 09:36 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
باش سېكرېتار شى جىنپىڭنىڭ قەدىمى گۇاڭدۇڭ، خېبېي، گەنسۇ، خېنەن، تيەنجىن، سىچۈەن، خۇبېي، لياۋنىڭ، خۇنەن قاتارلىق جايلارغا يەتتى، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش سېكرېتارنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان ئىزلىرى چاڭجياڭنىڭ شىمالىغىچە يېتىپ، مەھەللە، يېزا، كارخانا، مەكتەپلەرگىچە باردى.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ ئۆزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى، تونۇشنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ تۈپ قوللانمىسى تەدرىجىي روشەنلىشىشكە باشلىدى. باش سېكرېتار شى جىنپىڭ ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىسى يۇقىرىغا سۇنغان نۇسخىنى ماددىمۇ ماددا، جۈملىمۇ جۈملە، خەتمۇ خەت ئەستايىدىل كۆرۈپ، نۇرغۇن مۇھىم تۈزىتىش پىكىرلىرىنى بەردى.
ئومۇمىي يىغىن ئېچىلىشتىن بۇرۇنقى ئالتە ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە، باش سېكرېتار شى جىنپىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىنى، ئىككى قېتىم جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنىنى، كۆپ ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىسىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، تەييارلاش خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، قارار لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلىپ قاراپ چىقتى.
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىدىكى باشقا يولداشلارمۇ قارار لايىھەسىنى تەييارلاش خىزمىتىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، ئۇلار پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ئايرىم-ئايرىم بېرىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، قارار لايىھەسىنى تەييارلاشقا مۇھىم پىكىرلەرنى بەردى.
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، 4-سېنتەبىر قارارنىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسى مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە ئورگانلىرى ۋە يەرلىكتىكى يۈزدىن ئارتۇق ئورۇنغا چۈشۈرۈلۈپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرى كەڭ دائىرىدە ئېلىندى.
باش سېكرېتار شى جىنپىڭ 17-سېنتەبىر سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى، پارتىيە-گۇرۇھسىز ئەربابلارنىڭ قارار لايىھەسىگە بولغان پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى.
ئومۇمىي يىغىنغا قاتناشقان مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى قارارنىڭ مۇزاكىرە لايىھەسىنى تولۇق مۇزاكىرە قىلدى.
12-نويابىر چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتە، قايتا-قايتا تۈزىتىلگەن قارار لايىھەسى ئومۇمىي يىغىندا بىردەك ماقۇللاندى.
پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنى-جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ كەڭ نەزىرى، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى گەۋدىلەندۈردى.
مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر