باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئامېرىكىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى كىلىنتون بىلەن كۆرۈشتى

2013.11.19 09:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 18-نويابىر خەلق سارىيىدا ئامېرىكىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى كىلىنتون بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ كىلىنتوننىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بولغان مەزگىلدە، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن پائال تېرىشچانلىقى ھەم ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن جۇڭگو بىلەن نامراتلارنى يۆلەش، خەيرى-ساخاۋەت، سەھىيە، يۇقۇمدىن ساقلىنىش، بولۇپمۇ ئەيدىز كېسىلىدىن ساقلىنىش ۋە داۋالاش قاتارلىق ساھەلەردە ئۈنۈملۈك ھەمكارلاشقانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى بوران-چاپقۇنلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن ئومۇمىي جەھەتتىن توغرا يۆنىلىشكە قاراپ راۋاجلىنىپ، مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر نۆۋەتلىك رەھبەرلىرىنىڭ ئورتاق تېرىشىشى ئارقىسىدا، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. بىز ئىككى تەرەپ داۋاملىق تېرىشىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك. مەن پىرېزىدېنت ئوباما بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنى بىرلىكتە ئورنىتىشتا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدىم. بۇ-ئىككى تەرەپنىڭ ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئەھمىيەت بەرگەن ئاساستا چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى. ئىككى تەرەپ ھازىر سىياسىي، ئىقتىساد-سودا، ئېكولوگىيە، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىۋاتىدۇ، يەنە كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئېنېرگىيە قاتارلىق خىرىسلارغىمۇ بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشى لازىم. ئىككى تەرەپ يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭ يۈزلىنىشى ھەم پىرىنسىپىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆز ئارا ھۆرمەتلەپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئالسىلا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى تېخىمۇ پارلاق بولىدۇ. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى-ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى ئەربابلارنىڭ پائال قاتنىشىشى ۋە قوللىشىغا موھتاج. مەن كىلىنتون ئەپەندى ۋە كىلىنتون فوندى جەمئىيىتىنىڭ داۋاملىق تۆھپە قوشۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ جۇڭگو-ئامېرىكا دوستلۇق، ھەمكارلىق ئىشلىرىغا ئاتلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كىلىنتون مۇنداق دېدى: مەن جۇڭگو بىلەن ئورناتقان سەمىمىي، ئۆز ئارا ئىشىنىدىغان ۋە ئىجابىي ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى قەدىرلەيمەن. مەن جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن، جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى قوللايمەن. ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك دۇنياۋى خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە گۈزەل كېلەچەك يارىتىشى كېرەك.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر