- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىغا ئالاقىدار بىرقانچە مۇھىم قانۇنىيەت ئېڭى
2013.11.15 21:14 مەنبە: خەلق تورى
مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى 2003-يىلى باشلىنىپ، 10 يىل ۋاقىت ئىچىدە باشقا ساھەلەردىكى ئىسلاھاتلارنىڭ نەچچە ئون يىللىق مۇساپىسىنى تاماملىدى، بۇ دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات تارىخىدىكى بىر مۆجىزە ھېسابلىنىدۇ. پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش چاقىرىقىنى ياڭرىتىپ، مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنىڭ قانۇنىيەت ئېڭىنى دەل ۋاقتىدا يەكۈنلەپ چىقىشى، مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئىنتايىن زۆرۈر بولۇپلا قالماي، باشقا ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇشتىمۇ ئۆرنەكلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.
نەزەرىيە جەھەتتىكى بۆسۈش ــ ئىسلاھاتنىڭ يول باشلىغۇچىسى
مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنىڭ ئوبيېكتى مەدەنىيەت خىزمەتچىلىرى ياكى بولمىسا سەنئەتچىلەر ئەمەس، بەلكى مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى چۈشەپ قويىۋاتقان كۆزقاراش ۋە تۈزۈلمىدۇر. بۇ خىل كۆزقاراش ۋە تۈزۈلمە پىلانلىق ئىگىلىك دەۋرىدە شەكىللەنگەن، لېكىن ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش جەريانىدا تۈزىتىلمىگەن. 2003-يىلى ئىسلاھ قىلىنىشتىن بۇرۇنقى مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى تېپىك پىىلانلىق ئىگىلىك خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولۇپ، مەدەنىيەت بايلىقلىرى مەمۇرىي ئۇسۇل بويىچە تەقسىم قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان، مەدەنىيەت ئورۇنلىرى قوشۇمچە مەمۇرىي بۇيۇم بولۇپ، ئىدىيە-كۆز قاراشتا قويۇق پىلانلىق ئىگىلىك سۈپەتلىرى ساقلانغان.
مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى نەزەرىيە جەھەتتىن بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى مۇراجەت قىلماقتا: مەدەنىيەت ئەمدى يەككە ھالەتتىكى ئىجتىمائىي ئاڭ شەكلىگە ئەمەس، بەلكى ئاڭ شەكلى ۋە تاۋار خۇسۇسىيىتىدىن ئىبارەت قوش بەلگىگە ئىگە؛ مەدەنىيەت ئەمدى نوقۇل ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرى ئەمەس، بەلكى ئۇ ئاممىۋى پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە تىجارەت خاراكتېرىدىكى مەدەنىيەت كەسپى دەپ ئايرىلىدۇ. ھازىر قارىساق، بۇ ئىككى قائىدە ئىنتايىن ئاددى، نەزەرىيە جەھەتتىن چۈشىنىش تەس بولمىسىمۇ، لېكىن يەنىلا مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچقان.
(جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر