- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ليۇ يۈنشەن: پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئاڭلىقلىقىمىز ۋە قەتئىيلىكىمىزنى ھەقىقىي ئاشۇرايلى
2013.11.15 21:01 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 14-چېسلا چۈشتىن كېيىن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىدە 2013-يىللىق كۈز پەسىللىك 2-قەرەللىك بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى ليۇ يۈنشەن مۇراسىمغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنى ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ پارلاق مەنزىلىنى تىرىشىپ يارىتىدىغان يىغىن، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھى بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز، ئەقىل-پاراسىتىمىز ۋە كۈچىمىزنى توپلاپ، يىغىندا بېكىتىلگەن تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.
(پېڭ بو خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر