- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


جۇڭگو ئەتراپ دىپلوماتىيەسى يېڭى بىر جانلىنىش دەۋرىگە قەدەم قويدى
2013.11.13 20:49 مەنبە: خەلق تورى
كەچ كۈز پەسلىدە ئېچىلغان ئەتراپ دىپلوماتىيەسى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى كىشىگە جۇڭگو ئەتراپ دىپلوماتىيەسىنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان جۇشقۇنلىقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى نامايەن قىلىپ، جۇڭگونىڭ قوشنىلىرىغا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىدىغان ۋە نەپ يەتكۈزىدىغان ساداقىتىنى يەتكۈزدى. جۇڭگو ئەتراپ دىپلوماتىيەسى يېڭى بىر جانلىنىش دەۋرىگە قەدەم قويدى.
جۇڭگو يېقىندا ئەتراپ دىپلوماتىيەسى خىزمىتى سۆھبەت يىغىننىى ئاچتى، بۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە ئەتراپ دىپلوماتىيەسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن چاقىرغان مۇھىم بىر يىغىن بولۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركەز رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ ئەتراپ دىپلوماتىيەسىگە بولغان يۈكسەك ئىتىبارى ۋە قىلغان زور ئەجرىنى ئەكس ئەتتۈردى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا كەڭ دىققەت-ئىتىبارنى قوزغىدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن مىسلىسىز دەرىجىدە قويۇق ئالاقە قىلىپ، ھەمكارلىق جەھەتتە نۇرغۇن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. يېڭى ئەسىردىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا سوممىسى 100 مىليارد دوللاردىن كۆپىيىپ 1 تىرىليون 300 مىليارد دوللارغا يېتىپ، جۇڭگونىڭ تاشقى سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ تەخمىنەن 3 ئۈلۈشىنى ئىگىلىدى. جۇڭگو شەرقىي ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيادىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى دۆلەتلەر بىلەن ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئالاقىمىز تېخىمۇ قويۇقلاشتى ۋە ياخشىلاندى، بۇ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە ئاساسىي ئېقىم بولۇپ قالدى. جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بارغانسېرى شەرقىي ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى خەلقىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشمەكتە، جۇڭگونىڭ مۇشۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئادىمىيلىك ئالاقىسى كۈندىن-كۈنگە جانلانماقتا. 2012-يىلى چېگرادىن جۇڭگونىڭ ئىچكى جايلىرىغا كىرگەن شەرقىي ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى پۇقرالىرى 15 مىليون 530 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، چېگرادىن كىرگەن چەت ئەللىكلەر ئومۇمىي سانىنىڭ %57 ىنى ئىگىلىگەن. جۇڭگو رايونلار ھەمكارلىقى بىلەن ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، چامى يېتىدىغان دائىرىدە تېخىمۇ كۆپ ئاممىۋى مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلەپ، ئۆز تەرەققىياتىنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزۈشكە تىرىشماقتا.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر