- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتىدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باش نىشانى كۆرسىتىپ بېرىلدى
2013.11.13 14:53 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنى 12-چېسلا چۈشتىن كېيىن يېپىلدى. 4 كۈن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ئومۇمىي يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى، «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر زور مەسىلىلەر توغرىسىدىكى قارارى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.
18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باش نىشانى-- جوڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەتنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر