باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركەز پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە–ئەمەلىيەت پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ‹‹<تۆت خىل ناچار ئىستىل> غا چېتىشلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەخسۇس تۈزەشنى يولغا قويۇش ۋە تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش›› نى تارقاتتى (2)

2013.11.12 15:49         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ‹‹ئۇقتۇرۇش››تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ‹‹تۆت خىل ناچار ئىستىل››غا چېتىشلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى چۆرىدەپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ياخشى ئىگىلەش كېرەك. تۈزۈملەرنى ئەستايىدىل راۋانلاشتۇرۇپ، ‹‹ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئۆزگەرتىش، تۈزۈش›› خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئالاقىدار تۈزۈملەرنى ئورنىتىش ۋە ياخشىلاش كېرەك. شەكىلۋازلىققا قارشى تۇرۇشتا، ئىلمىي، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش مېخانىزمى ۋە خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، كادىرلارنى تاللاش، ئىشلىتىش ۋە باھالاش سىستېمىسىنى ياخشىلاپ، يىغىن، ھۆججەت، قىسقا ئۇچۇر گېزىتى، باھالاپ سېلىشتۇرۇش، تەقدىرلەش ۋە ئۆلچەمگە يېتىشنى باھالاش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەھەتتىكى تۈزۈم، بەلگىلىمىلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك؛ بىيۇروكراتلىققا قارشى تۇرۇشتا، رەھبىرىي ئورگان، رەھبىرىي كادىرلار، شۇنداقلا قانۇن ئىجرا قىلىش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە كۆزنەك ئورۇنلار، مۇلازىمەت كەسپىدىكىلەر مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا ئالاقىدار تۈزۈم، بەلگىلىمىلەرنى ئورنىتىپ ۋە ياخشىلاپ، پارتىيەلىك كادىرلار ئامما بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلىشىش تۈزۈمى ۋە ئاممىنىڭ دەۋا تەلەپلىرىنى ئىنكاس قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك؛ راھەتپەرەسلىككە قارشى تۇرۇشتا، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش تەمىناتىغا ئالاقىدار تۈزۈم، بەلگىلىمىلەرنى ئورنىتىپ ۋە ياخشىلاپ، ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن كۈتۈۋېلىش تۈزۈمى ۋە ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن چەت ئەلگە (چېگرا سىرتىغا)چىقىشنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرى، دۆلەت كارخانىلىرى مەسئۇللىرىنىڭ ۋەزىپە دائىرىسىدىكى ئىستېمالىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى بېكىتىش كېرەك؛ ئىسراپخورلۇق قىلىپ راھەت – پاراغەتكە بېرىلىشكە قارشى تۇرۇشتا، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى تېجەشلىك بولۇش، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇشقا ئالاقىدار تۈزۈم، بەلگىلىمىلەرنى ئورنىتىپ ۋە ياخشىلاپ، باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ‹‹ھۆكۈمەت ئۈچ خىراجىتى›› خامچوتىنى باشقۇرۇش ۋە ئاشكارىلاش تۈزۈمىنى مۇكەمەللەشتۈرۈپ، بايراملارنى تەبرىكلەش، مۇنبەر، كۆرگەزمە – يىغىن، تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش پائالىيەتلىرى جەھەتتىكى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىنى ئورنىتىش ۋە ياخشىلاش كېرەك.

  ‹‹ئۇقتۇرۇش››تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار مەخسۇس تۈزەش جېڭىنى زور كۈچ بىلەن ياخشى قىلىپ، كونكرېت تۈزەش پىلانى تۈزۈپ، تۈزەش ھەرىكىتىنىڭ مەسئۇلىيىتى، سۈرئىتى، مۇددىتى، ئۆلچىمى، تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر