- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شى جىنپىڭ كارخانىلارنىڭ تەتقىق قىلىپ كەشپىيات يارىتىشنى كۈچەيتىشىگە ئىلھام بەردى
2013.11.05 15:44 مەنبە: خەلق تورى
شىنخۇا تورىنىڭ 4-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ «شىنخۇا نەزەر نۇقتىسى» مىكرو بىلوگ خەۋەر قىلىدۇ، 4-نويابىر شى جىنپىڭ ۋېيشېڭ گۇرۇھى شىركىتىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، ئاقىل ئېلېكتىر ئىسچوتچىك، ئېلېكتىرلىك ماشىنا زەرەتلەش ئىسكىلاتى، يوۋيۈەن توك سۈزگۈچ.... كارخانىنىڭ ئۆز ئالدىغا ياراتقان كەشپىياتلىرى باش شۇجىغا چۇڭقۇر تەسىر قالدۇردى. كارخانا مەسئۇلى باش شۇجىغا، يىلىغا كىرىمنىڭ %6 ىنى تەتقىق قىلىپ كەشپىيات يارىتىشقا ئىشلىتىدىغانلىقىنى، مەھسۇلات ئىمپورت ئورنىغا دەسسىگەنلىكىنى ھەتتا چەت ئەلگە ئېكسپورت قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى. شى جىنپىڭ كارخانىلارنىڭ تەتقىق قىلىپ كەشپىيات يارىتىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈمىد قىلدى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر