باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئەتراپ دىپلوماتىيە خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى

2013.10.28 17:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەتراپ دىپلوماتىيە خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى 24- ۋە 25-ئۆكتەبىر بېيجىڭدا ئېچىلدى، بۇ-پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئەتراپ دىپلوماتىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئاچقان بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىنى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەتراپ دىپلوماتىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش-يۈز يىللىق ئىككى كۈرەش نىشانى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ ئېھتىياجى، ئەتراپ دىپلوماتىيە خىزمىتىنى تېخىمۇ كۈچلۈك جاسارەت بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى ئەتراپ مۇھىتىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئارقىلىق، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزۈپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش مىنىستىر لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاۋ گاۋلىلار يىغىنغا قاتناشتى.

  بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى-تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، ۋەزىيەتكە ھۆكۈم قىلىپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كەلگۈسىگە يول ئېچىپ، بۇندىن كېيىنكى بەش يىلدىن ئون يىلغىچە بولغان ئەتراپ دىپلوماتىيە خىزمىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانى، تۈپ لۇشيەنى، ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بېكىتىپ، ئەتراپ دىپلوماتىيەسى دۇچ كەلگەن مۇھىم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ خىزمەت تەپەككۇرى ۋە يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش بولدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دىپلوماتىيەنىڭ مۇھىم سىياسەت، فاڭجېنلىرىنىڭ ئىزچىللىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاش ئاساسىدا، دىپلوماتىيە ئومۇملۇقىنى پائال پىلانلاپ، ئەتراپ مۇھىتىنىڭ ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات ئومۇملۇقى ۋە دىپلوماتىيە ئومۇملۇقىدىكى مۇھىم رولىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بىر يۈرۈش مۇھىم دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئېلىمىز ئەتراپ دىپلوماتىيەسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانى-يۈز يىللىق ئىككى كۈرەش نىشانى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇيغۇنلىشىپ ۋە مۇلازىمەت قىلىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندۇرۇپ، ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇقنى پۇختىلاپ، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنى قوغداپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغداپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن ئېلىمىزنىڭ سىياسىي مۇناسىۋىتىنى تېرىشىپ تېخىمۇ دوستانە قىلىپ، ئىقتىساد رىشتىسىنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېلىمىز ئەتراپ دىپلوماتىيەسىنىڭ تۈپ لۇشيەنى-قوشنىلار بىلەن ئەپ، شېرىك ئۆتۈش، قوشنىلارنى ئىناق، بىخەتەر، باي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېقىنلىق، سەمىمىيلىك، نەپ يەتكۈزۈش، سىغدۇرۇش قارىشىنى گەۋدىلەندۈرۈش.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئەتراپ دىپلوماتىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، مەسىلىلەرنى ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتىن تەھلىل ۋە بىر تەرەپ قىلىپ، ئومۇملۇقنى پىلانلاش، بىر تۇتاش پىلانلاش، باشقۇرۇپ يولغا قويۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئەتراپ دىپلوماتىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئەتراپنىڭ تىنچلىق، مۇقىملىق ئومۇملۇقىنى كۈچەپ قوغداش؛ ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈش ئەندىزىسىنى تېرىشىپ چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ رايون بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سىياسەت ۋە تاكتىكا-پارتىيەنىڭ جېنى شۇنداقلا دىپلوماتىيە خىزمىتىنىڭ جېنى. دىپلوماتىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، كۆڭۈلگە دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇملۇقنى چىڭ پۈكۈش لازىم، دۆلەت ئىچى ئومۇملۇقى دېگىنىمىز-يۈز يىللىق ئىككى كۈرەش نىشانى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ؛ خەلقئارا ئومۇملۇق دېگىنىمىز-ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىدا ياخشى تاشقى شارائىتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتى، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. مەنپەئەتنىڭ ئورتاقلىقى ۋە گىرەلەشمە نۇقتىسىنى تېپىپ چىقىپ، توغرا ھەققانىي مەنپەئەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، پىرىنسىپال، دوستانە، ھەققانىي بولۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە چامىمىزنىڭ يېتىشىچە كۆپرەك ياردەم بېرىشىمىز؛ دىپلوماتىيە خىزمىتىنى ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىنى پىلانلاش، لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، ئەڭ زور ئۈنۈمگە ئېرىشىش ئۈستىدە ئىزدىنىشمىز؛ دىپلوماتىيە خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنى ياخشى تەشكىللەپ ۋە ماسلاشتۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەۋزەللىكلىرىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، دىپلوماتىيە خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك.

  لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەركەزنىڭ خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ئومۇملۇقى ھەم ئېلىمىزنىڭ دىپلوماتىيە ئومۇملۇقىنى بىر تۇتاش پىلانلاش ئۈچۈن بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىشنى قارار قىلىشى-بىزنىڭ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىزگە ئومۇمىي جەھەتتىن پايدىلىق بولغان ياخشى ئەتراپ مۇھىتىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنى ياخشى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. باش سېكرېتار شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ئومۇملۇق گەۋدىلەندۈرۈلگەن، ئىدىيەسى ۋە مەزمۇنى مول بولۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئەتراپ دىپلوماتىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتىن تەكىتلەنگەن، بۇ-يېڭى ۋەزىيەتتىكى دىپلوماتىيە خىزمىتى، بولۇپمۇ ئەتراپ دىپلوماتىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. مەن يولداشلارنىڭ سۆزنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر