باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تور بېكىتىدە 120 نەچچە دېلو مىسالى ئېلان قىلىندى

2013.10.25 16:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  10-ئاينىڭ 24-كۈنىگە قەدەر، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىشلىك مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ «ئاشكارىلاش سەيناسى» سەھىپىسىدە جايلاردىكى تۆت ئىستىل مەسىلىسىگە ئائىت 120 نەچچە دېلو مىسالى ئېلان قىلىندى.رەتلىشىمىزچە، بۇ دېلولار ئىچىدە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كومىتېتى، دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى قاتارلىقلار ئېلان قىلغانلىرىمۇ، ھەرقايسى ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى ئېلان قىلغانلىرىمۇ، ھەرقايسى ئۆلكىلىك پارتىيە گېزىتلىرى ۋە جۇڭگو ئىنتىزام تەكشۈرۈش گېزىتى قاتارلىق تاراتقۇلار ئېلان قىلغانلىرىمۇ بار ئىكەن. ئاشكارىلانغان تۆت ئىستىل مەسىلىلىرى ئاساسلىقى ساياھەت قىلىش، يەپ-ئىچىش، ئېسىل ھاراق-تاماكا سېتىۋېلىش قاتارلىق ھۆكۈمەت پۇلى ئىستېماللىرى، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى سېتىۋېلىش ۋە ئىشلىتىش، خەقنىڭكىنى يەپ-ئىچىش، سوۋغات ئېلىش، قىيناپ ئىشىنى بېجىرىپ بەرمەسلىك، سوۋغا تەلەپ قىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا پاراۋانلىق تەمىناتى تارقىتىش، ئىشقا كېلىپ قارت ئويناش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر