- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ يېڭىدىن ھەشەمەتلىك ئىمارەت سېلىشىنى توختىتىش ۋە ئىشخانىلارنى ئېنىقلاش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى
2013.07.24 15:42 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ يېڭىدىن ھەشەمەتلىك ئىمارەت سېلىشىنى توختىتىش ۋە ئىشخانىلارنى ئېنىقلاش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى. ئاساسىي مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جايلار ۋە تارماقلار مەركەزنىڭ تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ھەشەمەتلىك ئىمارەت سېلىشىنى تىزگىنلەش جەھەتتە بىر قىسىم تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى. لېكىن يېقىندا بىر قىسىم جايلار ۋە تارماقلاردا بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھەشەمەتلىك ئىمارەت سېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپ، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىسىتىلىغا زىيان سالدى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزدى، ئاممىنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، تىرىشچان-ئىقتىسادچىل بولۇشتەك ئېسىل ئىستىلنى زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، غورىگىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، يېڭىدىن ھەشەمەتلىك ئىمارەت سېلىشنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىپ، ئىشخانا باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، چەكلىك مەبلەغ ۋە بايلىقنى ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا كۆپرەك ئىشلىتىشنى تەكىتلىدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، ئالاقىدار ئىشلار توغرىسىدا تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرۇش قىلىمىز:
1. پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ يېڭىدىن شەھەمەتلىك ئىمارەت سېلىشىنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىشئۇقتۇرۇش تارقىتىلغان كۈندىن باشلاپ بەش يىل ئىچىدە، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ھەرقانداق شەكىل ۋە سەۋەب بىلەن يېڭىدىن ھەشەمەتلىك ئىمارەت سالسا بولمايدۇ.
2. ئىشخانىلارنى رېمونتلاش ۋە ئۆزگەرتىش تۈرلىرىنى قاتتىق تىزگىنلەش
ئىشخانىنىڭ ئىشلىتىلگىنىگە ئۇزۇن بولغان، ئەسلىھەلىرى كونىراپ كەتكەن، فۇنكسىيەسى تولۇق بولمىغان، بىخەتەرلىك خەۋپى ساقلانغان، ئىش بېجىرىش تەلىپىنى قاندۇرالمايدىغان بولسا، رېمونت قىلىشقا، ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ.
3. پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىشخانىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاشھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئىگىلىگەن، ئىشلىتىۋاتقان ئىشخانىلىرى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلىنىپ، ئوخشىمىغان ئەھۋالغا قارىتا چارە كۆرۈلىدۇ.
4. پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئىشخانىلىرىنى باشقۇرۇشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇش
جايلار ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئىشخانىلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ بىرتۇتاش باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىرتۇتاش تەقسىملەش، ھوقۇق تەۋەلىكىنى بىرتۇتاش تىزىملاشنى يولغا قويىدۇ.
5. رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، نازارەتچىلىك ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش
پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ يېڭىدىن ھەشەمەتلىك ئىمارەت سېلىشىنى توختىتىش ۋە ئىشخانىلىرىنى ئېنىقلاش ‐‐ پارتىيە ئىستىلى-پاكلىق قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، شۇنداقلا پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىنى قوغداشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، شۇڭا ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى، رەھبىرىي كادىرلار باشلامچى بولۇشى لازىم. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە