- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


جاڭ گاۋلى سىچۇەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش-قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى ئىلمىي، تەرتىپلىك، پۇختا، ياخشى ئىشلەشنى تەكىتلىدى
2013.07.19 17:19 مەنبە: خەلق تورى
7-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گۇۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى سىچۇەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي ۋەزىيەت، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللارنى چوڭقۇر ئىگىلىدى. 6-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن، جاڭ گاۋلى سىچۇەن، خېنەن، خۇبېي، چۇڭچىڭ، گەنسۇ، چىڭخەيدىن ئىبارەت ئالتە ئۆلكە-بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشقان ئىقتىسادىي ۋەزىيەت سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. 7-چېسلا كەچتە يىغىن ئېچىپ، مەركەزنىڭ روھىنى ۋە باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنى يەتكۈزدى، لۇشەندىكى يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش-قايتا قۇرۇش خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى. (مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل