- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ۋاڭ چىشەن خېيلۇڭجياڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، «تۆت ئىستىل» مەسىلىسىنى قەتئىي تۈزەپ، رەسىمىيەتچىلىككە قەتئىي يول قويماسلىقنى تەكىتلىدى
2013.07.19 17:16 مەنبە: خەلق تورى
7-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چىشەن خېيلۇڭجياڭغا بېرىپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنى تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى تەكشۈردى ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتى توغرىسىدىكى بىرقاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى مەركەز قىلىپ، ئەمەلىيەت بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، «تۆت ئىستىل»نى قەتئىي تۈزەش لازىم. رەھبىرىي كادىرلار مەسىلىلەرنى باشلامچىلىق بىلەن بايقاپ، قاتلاممۇقاتلام بىسىم قىلىپ، رەسىمىيەتچىلىك قىلىشقا قەتئىي يول قويماي، تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ خېيلۇڭجياڭدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە