- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مەركەزنىڭ ئىقتىسادىي سىياسىتى ئۆزگەرمىدى
2013.07.12 15:56 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: زۇڭلى لى كېچياڭ گۇاڭشىدا بىر قىسىم ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيەت سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا «ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەشتە مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، يىراقنى كۆزلەش كېرەك. قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىش، ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىش كېرەك» دەپ قايتا تەكىتلىدى. بۇ مۇشۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان ئىزچىل تەشەببۇس قىلىۋاتقان ئىقتىسادىي سىياسەت ئومۇمىي تەپەككۇرى بىلەن بىردەك بولۇپ، مەركەزنىڭ ئىقتىسادىي سىياسىتىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. (شىن ۋېن خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل