- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مەركەز ئىنىقىلابىي قەھرىمانلارنى خاتىرىلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى
2013.07.04 15:50 مەنبە: خەلق تورى
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 3-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، يېقىندا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «ئىنقىلابىي قەھرىمانلارنى خاتىرىلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتتى.
جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات قاتارلىق ھەرقايسى تارىخىي مەزگىللىرىدە، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىقى، خەلقنىڭ ئازادلىقى ۋە دۆلەتنىڭ گۈللەپ قۇدرەت تېپىشى، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈن قەتئى ئىرادە بىلەن كۈرەش قىلىپ، خالىس تۆھپە قوشۇپ، باتۇرلارچە قۇربان بولغان سانسىزلىغان ئىنقىلابىي قەھرىمانلار مەيدانغا كەلدى. ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن تۆھپىسى تارىخ سەھپىسىدە نۇر چاچىدۇ. ئۇلارنىڭ روھى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان كۈچ مەنبەسىدۇر. مەركەز تارىختىن بۇيان ئىنقىلابىي قەھرىمانلارنى خاتىرىلەش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قاتار سىياسەت-تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىنقىلابىي قەھرىمانلارنى خاتىرىلەش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قازاندى. ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىنىڭ تەرەققىياتى، ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئىنقىلابىي قەھرىمانلارنى خاتىرىلەش خىزمىتىدە بەزى يېتەرسىزلىكلەر ساقلىنىپ كەلدى، بولۇپمۇ بەزى جايلار ۋە تارماقلارنىڭ بۇ خىزمەتكە ئەھمىيەت بېرىشى يېتەرلىك بولمىدى، ئاممىنىڭ ئىشتىراك قىلىش دەرىجىسى يوقىرى ئەمەس، ئالاقىدار تۈزۈم-مېخانىزملار مۇكەممەللەشمىدى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، مەركەزنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، ئىنقىلابىي قەھرىمانلارنى خاتىرىلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل