- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ليۇ يۈنشەن: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلايلى
2013.06.20 11:21 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ليۇ يۈنشەن 18-چېسلا چۈشتىن كېيىن پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى خىزمىتى يىغىنىنىڭ 2-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جايلار ۋە تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، سۆزنىڭ روھى ئاساسىدا ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى ۋە نىشان-تەلىپىنى توغرا ئىگىلەپ، ئەستايىدىل تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ پۇختا قانات يېيىشى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. (لى جاڭجۈن خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە