باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ليۇ يۈنشەن فۇجيەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

2013.03.08 09:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

7-مارت، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سېكرېتارىياتىنىڭ سېكرېتارى ليۇ يۈنشەن فۇجيەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.
  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-مارت بېيجىڭ خەۋىرى: پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن لى كېچياڭ، جياڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلىلار 7-مارت كۈشتىن بۇرۇن ئايرىم ئايرىم 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىغا قاتناشقان بىر قىسىم ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سېكرېتارىياتىنىڭ سېكرېتارى ليۇ يۈنشەن فۇجيەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.

  ليۇ يۈنشەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ ئىككى يىلدا، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى روشەن ئالاھىدىلىك-مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلەش بولدى. مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلەش-ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىغا ئۇيغۇن بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك، تەڭكەش، سىجىللىقنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپىنى گەۋدىلەندۈردى؛ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشنىڭ ئىدىيە يولىغا ئۇيغۇن بولۇپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل خىزمەت ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇشقا پايدىلىق بولدى. مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلەش-كەلگۈسىدىكى بىر قەدەر ئۇزۇن مەزگىلدىكى مۇھىم خىزمەت تەلىپىگە ئايلىنىشى كېرەك، سىياسەت تۈزۈش، تەدبىر چىقىرىشتا، ھەم مەۋقەنى ھازىرغا قارىتىش، ھەم يىراققا نەزەر سېلىپ، مۇقىملىق، سىجىللىقنى ساقلاش لازىم. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلاردا ھەم جاسارەتلىك روھ بولۇشى، ھەم پۇختا، مۇقىم ئىشلەش ئىستىلىنى تۇرغۇزۇپ، كۆپ تەرەپتىن ئاساس سېلىپ، يىراق كەلگۈسىدىكى خىزمەتلەرنى پىلانلاپ، تارىخ، ئەمەلىيەت، خەلقنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان ئىشلارنى كۆپ قىلىپ، خىزمەت نەتىجىسىنى ۋەتەن زېمىنى، ئاممىنىڭ قەلبىدىن ھەقىقىي ئورۇن ئالدۇرۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}