باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: خەلقنىڭ جامائەت بىخەتەرلىكى، ئەدلىيە ئادىللىقى جەھەتتىكى ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە بولغان يېڭى تەلىپىگە ماسلىشىپ، تىنچ جۇڭگو، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگو قۇرۇلۇشى ۋە سىناقتىن ئۆتكەن قوشۇن قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئىلگىرى سۈرەيلى!

2013.01.08 16:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھەر بىر ئەدلىيە دېلوسىدا خەلق ئاممىسىنى ھەققانىيەت ۋە ئادىللىقنى ھېس قىلالايدىغان قىلدۇرۇشقا تىرىشايلى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مەملىكەتلىك سىياسىي-قانۇن خىزمىتى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ نۆۋەتتىكى يېڭى ۋەزىيەتتە سىياسىي-قانۇن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇھىم كۆرسەتمە بەردى. ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى، سىياسىي قانۇن ئورگانلىرى خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. پۈتۈن مەملىكەتتىكى سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرى 18-قۇرۇلتاي روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تۈپ تاكتىكىسىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەپ، جۇڭگوچە سوتسيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇرغۇچىسى، قوغدىغۇچىسى بولۇشتەك مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. (مۇخبىر: پىڭ بو)



  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە