- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شى جىنپىڭ: ج ك پ رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيىدا بەلگىلەنگەن نشان-ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلايلى
شى جىنپىڭ ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ مەركىزىي كومىتېتلىرىدىكىلەر ۋە مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىدىكىلەرنى زىيارەت قىلدى
2012.12.26 18:05 مەنبە: خەلق تورى
 |
يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيورۇسىنىڭ دائىمىي كومىتېت ئەزاسى يۈ جېڭشېڭ قاتارلىق مەركەز رەھبەرلىرى ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ مەركىزىي كومىتېتلىرىدىكىلەر ۋە مەملىكەتلىك سود-سانائەت بىرلەشمىسىدىكىلەرنى زىيارەت قىلدى ھەمدە ئۇلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى)
|
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 25-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ مەركىزىي كومىتېتلىرىدىكىلەر ۋە مەملىكەتلىك سود-سانائەت بىرلەشمىسىدىكىلەرنى زىيارەت قىلدى ۋە ئۇلارنىڭ رەھبىرىي ئورگان ئەزالىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى.
ئۇ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممىنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ۋە سىياسىي مەسلىھەت تۈزۈمىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ سىياسىي پائاليەتلەرگە قاتنىشىش ۋەزىپىسىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشىنى قوللاپ، ئۆزىمىزنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى ئەڭ زور چەكتە قوزغاپ، بارلىق ئاكتىپ كۈچلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18-قۇرۇلتىيىدا بەلگىلەنگەن كۈرەش نىشانى ۋە خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلايلى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە