باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ 2013- يىللىق دۆلەت مۇداپىئەسىگە ھوقۇق بېرىش قانۇن لايىھەسىگە تەيۋەن ۋە دىياۋيۈ ئارىلى توغرىسىدىكى مەزمۇنلارنىڭ كىرگۈزۈلگەنلىكىگە ئىنكاس قايتۇردى

2012.12.24 16:18        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 24-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ماقۇللىغان 2013-يىللىق مالىيە يىلىدا دۆلەت مۇداپىئەسىگە ھوقۇق بېرىش قانۇن لايىھەسىدە ئامېرىكا پىرېزىدېنتىدىن F16-CD بەلگىلىك ئۇرۇش ئايروپىلانىنى تەيۋەنگە سېتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ۋە ئامېرىكا-ياپونىيە بىخەتەرلىكنى قوغداش شەرتنامىسى دىياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسىگە باب كېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇنلار بار. جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا ئۆتكۈزگەن قەرەرلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بۇنىڭغا ئىپادە بىلدۈردى.

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى مۇخبىر يىغىنىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ دىياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسىدىكى مەيدانى ئىزچىل ئېنىق. دىياۋيۈ ئارىلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاراللار ئەزەلدىنلا جۇڭگونىڭ زېمىنى. ئامېرىكا-ياپونىيە بىخەتەرلىكنى قوغداش شەرتنامىسى ئالاھىدە تارىخىي مەزگىلدىكى ئىككى تەرەپلىك ئورۇنلاشتۇرۇش. ئۇ جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزمەسلىكى، باشقا دۆلەتلەر ئوتتۇرسىدىكى زېمىن ماجىراسىغا تېخىمۇ ئارىلاشماسلىقى كېرەك.

  بۇندىن باشقا جۇڭگو ھەر قانداق دۆلەتنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشىگە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. بىز ئامېرىكا پارلامېنتىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۈرىدىن ۋاز كېچىپ، بۇ رايوننىڭ تىنچ مۇقىملىق ۋەزىيىتىنى چىقىش قىلىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا ئۈچ بىرلەشمە ئاخباراتىنىڭ پرىنسىپىغا، جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە ھۆرمەت قىلىپ، مەزكۇر رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا، جۇڭگو ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى ۋە ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلىشىقا، ئۇنىڭ ئەكسىچە ئىش قىلماسلىققا دەۋەت قىلىمىز.

  مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە