- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ليۇ يۈنشەن : ئىستىل قۇرۇلۇشىنى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى سۈپىتىدە تۇتۇپ ئۈنۈم ھاسىل قىلايلى
ليۇ يۈنشەن پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ تەشكىلىي خىزمىتىگە دائىر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى
2012.12.24 16:04 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيورۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن 23-چېسلا بېيجىڭدا پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ تەشكىلىي خىزمىتىگە دائىر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى قانداق كۈچەيتىش، پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلىي خىزمەتلەرنى قانداق ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئاساسىي قاتلام پارتىيە كادىرلىرىنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى.
ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە تەشكىلىي تارماقلار ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى تولۇق تونۇپ يېتىپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاشنى پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلىي خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، ئىدىيە جەھەتتە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى، ھەرىكەت جەھەتتە يۈكسەك ئاڭلىق بولۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ئۈنۈمى ئارقىلىق ئىشلار تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەشتۈرۈشى كېرەك. (جۇۋ يىڭفېڭ خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە