باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

2012.12.24 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يىغىندا 2013-يىللىق ۋە بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك خىزمەتلەر ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى

  . دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنى داۋاملىق رەتكە سېلىپ، دېھقانلارنى ئاشلىق تېرىش ۋە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش ئارقىلىق مۇۋاپىق پايدىغا ئېرىشتۈرۈش كېرەك.

  . شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ باراۋەر ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇلارنىڭ يېزا نوپۇسىدىن شەھەر نوپۇسىغا ئالمىشىش ئىشىنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. . دېھقانلارنىڭ يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىش، دېھقانلارنىڭ يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنىنىڭ ئايلىنىشىنى چەكلىمەسلىك ياكى دېھقانلارنى ئۇنىڭغا زورلىماسلىق كېرەك.

  . بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىل ئىچىدە، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاز دېگەندە شەھەر-بازار ئاھالىسىنىڭ كىرىمى بىلەن تەڭ قەدەمدە ئاشۇرۇش ھەمدە ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇۋېتىشكە تىرىشىش لازىم.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىككى كۈن داۋاملاشقان مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنى 22-چېسلا بېيجىڭدا يېپىلدى. يىغىندا 18-قۇرۇلتاي روھى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، 2012-يىللىق ۋە ئۆتكەن ئون يىللىق يېزا-ئىگىلىك ۋە يېزا تەرەققىياتىدا قولغا كەلگەن نەتىجىلەردىن سىستېمىلىق ھالدا خۇلاسە چىقىرىلدى، «يېزا ئىگىلىك، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىدە دۇچ كېلىدىغان يېڭى ۋەزىيەت يېڭى سىناقلار چوڭقۇر تەھلىل قىلىندى، زامانىۋى يېزا-ئىگىلىكىنى تېز سۈرئەتتە راۋاجلاندۇرۇش ، يېزا تەرەققىياتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا كۈچەيتىش ئىشلىرى نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىنىپ، نۆۋەتتىكى ۋە بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىلگىچە بولغان يېزا-ئىگىلىك ـ يېزا خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە