
بېيجىڭ ۋاقتى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى كەچتە، مۈشۈكئېيىق لوڭقىسى 3-ئايلانما مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو U19 ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى 1:2 نەتىجە بىلەن كورېيە U19 ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىنى يەڭدى، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە جۇڭگو U19 ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى ئىككى قېتىم يېڭىپ، بىر قېتىم تەڭلىشىپ، چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مياۋ رۈندۇڭ ئالدى بىلەن بىر توپ كىرگۈزدى، ئارقىدىن ئۇ يەنە نۇقتا توپ پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈردى، ياڭ مىڭرۈي جازا توپنى كىرگۈزدى، كېيىنكى يېرىم مەيداندا كورىيەU19 كوماندىسى بىر توپ كىرگۈزدى، ئەڭ ئاخىرىدا پۈتۈن مەيدان مۇسابىقە ئاياغلىشىپ، جۇڭگو U19 ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى ئىككىگە قارشى بىر نەتىجە بىلەن كورىيە U19 ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىنى يەڭدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ