"كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتايلى“

− شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى

2026.11.12 13:46 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرىمىز شۈ جۈن، نى يى

”زامانىۋى دۆلەت مۇقەررەر ھالدا قانۇنچىل دۆلەت بولىدۇ“، گۈللىنىش يولىدا مېڭىۋاتقان جۇڭگو قانۇنچىللىق يولىدا يېڭى سەھىپىلەرنى پۈتمەكتە.

پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنى «قارار»ىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى:” دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن پارتىيەنى قائىدە-نىزام بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىككە كېلىشىگە تۈرتكە بولۇش“، ”يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش قابىلىيىتى، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش قابىلىيىتى، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈگىتىش قابىلىيىتى، قانۇنچىل تەپەككۇر ۋە قانۇنچىل ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇش“...

2020-يىل 11-ئايدا، پارتىيە تارىخىدا تۇنجى قېتىم مەركىزىي كومىتېت دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلىپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى قىلىپ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

2025-يىل 11-ئايدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يەنە بىر قېتىم مەركىزىي كومىتېت دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنى ئاچتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى: ”ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ساھەلەر قەتئىي تۈردە قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىپ، كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشى كېرەك“.

"15-بەش يىل"نىڭ باشلىنىش يىلىدىن ئىبارەت مۇھىم تۈگۈندە تۇرۇپ، كەلگەن يولىمىزغا نەزەر سالساق، قانۇنچىل جۇڭگونىڭ ھەيۋەتلىك يۆگىمە رەسىمى ئاستا-ئاستا يېيىلىدۇ. ئالدىمىزدىكى يولغا نەزەر سالساق، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشى تېز ھەم پۇختا قەدەم بىلەن، چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.

”جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولى ماڭغانسېرى كېڭەيدى“

قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، ئاساسنى مۇستەھكەملەپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ”پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ’تۆت ئومۇميۈزلۈك‘ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ كۈچلۈك ئالغا سىلجىتتى، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئومۇمىي ئەندىزىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولى ماڭغانسېرى كېڭەيدى.“

قانۇننى ئىلمىي چىقىرىپ، ياخشى قانۇن ئارقىلىق ياخشى ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملەش.

2026-يىل 11-ئاينىڭ 6-كۈنى، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 25-قېتىملىق يىغىنىدا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەپتىش ئاممىۋى مەنپەئەت دەۋا قانۇنى» ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى، بۇ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشنىڭ ئاممىۋى مەنپەئەتنى قوغداش ساھەسىدىكى ئىجادىي نەتىجىسى بولۇپ، دۇنياۋى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتىنى قوشتى.

11-ئاينىڭ بېشىغىچە، دۆلىتىمىزدە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۈنۈملۈك قانۇن 306غا يەتتى، مەمۇرىي نىزام ۋە رېۋىزىيە نىزامى 600 دىن ئاشتى، يەرلىك نىزام 15 مىڭدىن ئاشتى، ئاساسىي قانۇن يادرو قىلىنغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسى كۈنسېرى مۇكەممەللىشىپ، ھەم ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان، ھەم تەرتىپلىك بولغان ياخشى جەمئىيەت ۋەزىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇشنى كۈچلۈك قانۇن تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى.

قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ھوقۇق يۈرگۈزۈشنى قېلىپلاشتۇرۇش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلىش كېرەك.

”مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش نىزامى، يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئېلان قىلىنىپ ھەم يولغا قويۇلۇپ، كارخانىلارغا چېتىلىدىغان مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى قېلىپلاشتۇرۇش دائىملاشتۇرۇش باسقۇچىغا كىرگۈزۈلدى، مەملىكەت بويىچە كارخانىلارغا چېتىلىدىغان مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەر توغرىسىدىكى دېلو يىپ ئۇچىدىن جەمئىي 110 مىڭدىن ئارتۇقى تەكشۈرۈپ تۈزىتىلىپ، كارخانىلارنىڭ 31 مىليارد 100 مىليون يۈەن زىيىنى قايتۇرۇپ كېلىندى، ئۆلچەش ھوقۇقى ئۆلچىمىدىن 4400 دىن ئارتۇقى رەتلەپ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. “ ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى لى مىڭجېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: كارخانىلارغا چېتىلىدىغان قانۇن ئىجراسى تەلىپىگە تېز ئىنكاس قايتۇرۇش، جازالاش، مۇسادىرە قىلىش كىرىمىنى ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىپ ئۆلچەش قاتارلىق كۆپ خىل مېخانىزملارنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىشتا قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش تۈزۈم-مېخانىزمىنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇردۇق.

تېخىمۇ كۆپ ساھە، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ”بىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېجىرىش“نى ئىشقا ئاشۇرۇش، ”بىر قېتىم ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش“ ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش. ..ئۈنۈملۈك بازار بىلەن قابىل ھۆكۈمەت ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلۈپ، قانۇنچىللاشقان سودا مۇھىتى خۇددى ئېقىن سۇدەك ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئوزۇقلاندۇرماقتا.

قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداش.

بۇ يىل 10-ئاينىڭ 16-كۈنى، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان گەنسۇ تيەنشۈي يەسلىسىدىكى قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىش دېلوسىغا 1-سوتتا ھۆكۈم ئېلان قىلىندى، لەنجوۋ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى زەھەرلىك، زىيانلىق يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش جىنايىتى بىلەن لى خۇيفاڭ، جۇ جىڭلىن قاتارلىقلارغا ئايرىم-ئايرىم ھۆكۈم ئېلان قىلدى.

ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتى، تۇرالغۇ ئۆي-جاي مۇلازىمىتى، مائارىپ، داۋالاش قاتارلىقلارغا چېتىشلىق دېلولارنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك قاراپ چىقىشتىن يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىدىكى ئەمگەك تالاش-تارتىشى دېلولىرىغا ھۆكۈم قىلىش قائىدىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكىچە، يەنە خەلق تۇرمۇشىغا چېتىشلىق دېلولارغا قارىتا ”ئالدىن دېلو تۇرغۇزۇش، ئالدىن قاراپ چىقىش، ئالدىن ئىجرا قىلىش“قىچە. ..قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگانلىرى خەلق تۇرمۇشىنى قانۇن يۈرگۈزۈش جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىغا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنىڭ يېنىدىلا ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى.

ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىپ، قائىدە-نىزاملارغا، قانۇنغا رىئايە قىلىش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش.

يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ قانۇنچىللىق تەشۋىق-تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى 9-بەش يىللىق يىرىك پىلانى (2026-يىلىدىن 2030-يىلىغىچە)»نى ئۇلاپ تارقاتتى. بۇ يىل 11-ئاينىڭ 1-كۈنى قانۇنچىللىق تەشۋىق-تەربىيە قانۇنى يولغا قويۇلغانلىقىغا بىر يىل بولدى.

مەكتەپ قورۇسىدىكى ”قانۇنچىل مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى“دىن كوچا باشقارمىسى، كەنت، مەھەللىلەردىكى ”قانۇن ئاقىللىرى“غىچە، دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنىدە تەنتەنىلىك قەسەم بېرىشتىن ”قانۇنچىللىق لېكسىيە ئۆمىكى“نىڭ كەنتلەرگە بېرىپ ئائىلىلەرگە كىرىشىگىچە، ئومۇمىي خەلقنى قاپلىغان، ئۆمۈرلۈك سىڭدۈرۈلگەن قانۇنچىللىق تەشۋىقات-تەربىيە سىستېمىسى تەدرىجىي شەكىللىنىپ، قانۇنچىللىق ئومۇمىي خەلقنىڭ تەپەككۇر شەكلى ۋە ھەرىكەت ئادىتىگە ئايلانماقتا.

…………

قانۇنچىللىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ، پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختىلاپ، يېڭى دەۋردە دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇش ئىشەنچىنى تېخىمۇ چىڭىتىش كېرەك.

«دىققەتنى تېخىمۇ مۇكەممەل جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسى بەرپا قىلىش، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك»

دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا تۇتقا تۇتۇلۇپ باشقا ئىشلارغا يول ئېچىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: "دىققەتنى تېخىمۇ مۇكەممەل جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسى بەرپا قىلىش، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك."

— قانۇن-قائىدە سىستېمىسىنىڭ كۈنسېرى مۇكەممەللىشىشىگە تۈرتكە بولۇندى.

ياخشى قانۇن ئارقىلىق ياخشى ئىدارە قىلىش دەۋر تېمىسىغا بولغان ئۆتكۈر كۆزىتىش ۋە دەل جايىدا جاۋاب قايتۇرۇشتىن باشلىنىدۇ.

نۇرغۇن ئابۇنىچى سۈنئىي ئەقىل چىراي ئالماشتۇرۇش تېخنىكىسىنى قالايمىقان ئىشلىتىش، سۈرەت ھوقۇقى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچراش، يۇقىرى سەۋىيەلىك ساختا سىننىڭ راست-يالغانلىقىنى پەرق ئېتەلمەسلىك، تەۋسىيەلىك تېمىلارغا بېكىنىپ قىلىش، سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان مەزمۇننىڭ نەشر ھوقۇقى تەۋەلىكىنى ئېنىق ئايرىيالماسلىققا ئوخشاش قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن.

سۈنئىي ئەقىلنى ئىدارە قىلىشنىڭ قانۇنچىللىق تورىنى زىچ توقۇغاندىلا، تېخنىكىنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرغىلى، خەلققە بەخت ياراتقىلى بولىدۇ. 2023-يىل 8-ئاينىڭ 15-كۈنى، دۆلەت تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى قاتارلىق يەتتە تارماق بىرلىشىپ تۈزگەن «ھاسىلىي شەكلىدىكى سۈنئىي ئەقىل مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى» يولغا قويۇلدى. بۇ، دۇنيا بويىچە ھاسىلىي شەكلىدىكى سۈنئىي ئەقىل توغرىسىدا چىقىرىلغان تۇنجى مەخسۇس قانۇن ھېسابلىنىدۇ.

تارماق قائىدىسىدىكى «پەللىگە دەل جايىدا تېگىش» بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، دۆلەت قانۇن چىقىرىش قاتلىمىدىن تور بىخەتەرلىكى قانۇنى، سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكى قانۇنى، شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش قانۇنى قاتارلىقلارنى ئېلان قىلىپ، سىستېمىلىق قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق تور ئېكولوگىيەسىنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، تېخنىكىنىڭ يۈكسىلىشى، ياخشىلىنىشىغا، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا قىزىل سىزىق ۋە تۆۋەن چەك بەلگىلەپ بەردى.

ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قانۇن دەستۇرى تۈزۈش، پۇقراۋى ئىگىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى چىقىرىش، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى قانۇنى، ئادۋوكاتلار قانۇنى، تاشقى سودا قانۇنى، خەلقئارا دېڭىز تىرانسپورت نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق، نۇقتىلىق ساھەلەر، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ساھەلەر، چەت ئەلگە چېتىشلىق ساھەلەرگە دائىر قانۇن چىقىرىشنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ زور ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلدى.

يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشى قانۇنى، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش قانۇنى، داۋالىنىش كاپالىتى قانۇنى، ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامىنى تۈزۈش ئارقىلىق دىققەتنى خەلق تۇرمۇشىدىكى قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنچىللىق جەھەتتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتتى.

يېمەكلىك ئىسراپچىلىقىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى، قارا تۇپراقنى قوغداش قانۇنى تۈزۈش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش نىزامى، خەلقئارا پوچتا پاراخوتلىرى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پورتلىرىغا يېقىنلاشقاندا تەمىنات بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق «كىچىك، تېز ئۈنۈم بېرىدىغان، جانلىق» قانۇن چىقىرىشنىڭ دەل جايىدا تۈزەشنى يولغا قويۇشتىكى ئەقىل-پاراسىتى ۋە ئۈنۈمىنى نامايان قىلىپ، پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان، يولغا قويغىلى بولىدىغان، ھەقىقىي ئەسقاتىدىغان بولۇشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈردى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خۇاڭ ۋېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«تولۇق تەتقىق قىلىش، دەلىللەش ئارقىلىق، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ قانۇن چىقىرىش تۈرى توغرىسىدىكى تەكلىپلىرىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلاپ، قانۇن چىقىرىش تۈرلىرىنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، ‹15-بەش يىل›لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىنى كۈچلۈك قانۇن تىرىكى بىلەن تەمىنلەيمىز.»

— قانۇنچىللىقنى يولغا قويۇش سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇندى.

قانۇننىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇنى يولغا قويۇشتا، قانۇننىڭ نوپۇزىمۇ ئۇنى يولغا قويۇشتا.

مەلۇم جايدىكى گۇڭئەن ئورگىنى ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزىدە چىراغلار چاقناپ تۇراتتى. ئېكراندا، بىر گۇمانلىق ھېسابات نومۇرىدىكى بىنورمال ئېلىم-بېرىم ھەققىدە ئالدىن سىگنال بېرىلدى. «پۇل تۆلەشنى دەرھال توختىتىڭلار!» دېگەن بۇيرۇقنى چۈشۈرۈش بىلەن تەڭ، جىنايەتچى ئۇنسۇرلار بىلەن بولغان بەسلىشىش مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي قانات يايدۇرۇلدى.

تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بۇنداق ئەھۋاللار ھەرقايسى جايلاردا نورمال ھالەتكە ئايلاندى. 2025 ـ يىلى گۇڭئەن ئورگانلىرى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە 3 مىليارد 600 مىليون قېتىم ئالدامچىلىق تېلېفونى، 3 مىليارد 300 مىليون قىسقا ئۇچۇرنى توستى، ئالدامچىلىققا چېتىشلىق 217 مىليارد 70 مىليون يۈەن مەبلەغنى جىددىي توختاتتى. بۇ بىر قاتار سانلارنىڭ ئارقىسىغا تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرنىڭ مال-مۈلۈك زىيىنىدىن ساقلىنىپ، خاتىرجەم ياشىشىغا يەتكۈزۈلگەن ئىللىقلىق، قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرىنىڭ خەلق ئاممىسىنىڭ «ھەميېنى»نى قوغداشتىكى قەتئىي ئىرادىسى مۇجەسسەملەنگەن.

قانۇنچىللىقنى يولغا قويۇش سىستېمىسىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈمى يەنە ئاساسىي قاتلامدا جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش مۇساپىسىدە ئىپادىلىنىدۇ.

سىچۇەن ئۆلكىسى چېڭدۇ شەھىرى ۋۇخوۋ رايونلۇق جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزى «ئۇدۇلمۇئۇدۇل» يېتەكلەش ۋە «يۈزتۇرا» كېڭىشىش ئارقىلىق، كونا ئولتۇراق رايونلارغا لىفىت ئورنىتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان قوشنىلار ئارىسىدىكى بىر ماجىرانى مۇرەسسە قىلدى. مۇشۇ مەركەزدە تۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن كوچا باشقارمىسى كادىرلىرى، ئاممىۋى مەنپەئەت ئادۋوكاتلىرى ۋە خەلق مۇرەسسەچىلىرى قاتارلىقلار بىرلىكتە ئاھالىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تەڭ چېچىلىدىغان خىراجەتنى ھېسابلاپ، قۇرۇلۇش قىلىش تەسىرىنى باھالىدى. ھەرقايسى تەرەپلەر قوبۇل قىلالايدىغان لايىھە شەكىللەندۈرۈلگەندىن كېيىن، سوراقخانىدا سۆزلىشىش ئېھتىمالى بولغان ماجىرا دەۋادىن ئىلگىرى ھەل قىلىندى.

بۇ، يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»نىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى بولۇپلا قالماي، يەنە مەملىكەت بويىچە 3000 غا يېقىن ناھىيە دەرىجىلىك ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزىنىڭ قېلىپلىق يۈرۈشۈشىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى. ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزى مۇرەسسە قىلىش، كېسىم قىلىش، مەمۇرىي كېسىم قىلىش، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى توپلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ تۈرلۈك ئىلتىماس-تەلەپلىرىنى «بىر پونكىت شەكلىدە قوبۇل قىلىش، بىرتۇتاش مۇرەسسە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش، پۈتۈن زەنجىرلىك ھەل قىلىش»نى ئىشقا ئاشۇردى.

مەركىزىي كومىتېت سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى تېڭ جىگو مۇنداق دېدى:«كېيىنكى قەدەمدە، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزىنى زىددىيەت-ماجىرالارنى قانۇن بويىچە ماھىيەتلىك ھەل قىلىدىغان مۇھىم ئاساسىي سۇپا قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھەربىر تۈرلۈك ئىلتىماس-تەلىپىنى بېجىرىدىغان ئادەم بولۇش، قانۇن بويىچە بېجىرىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.»

— قانۇنچىللىق نازارەت سىستېمىسىنىڭ كۈنسېرى پۇختىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇندى.

قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇشتا ھوقۇق يۈرگۈزۈشكە چەك قويۇش ۋە نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، قانۇن چىقىرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگانلىرىنىڭ ھوقۇق يۈرگۈزۈشىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، پارتىيە بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان، نوپۇزلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قانۇنچىللىق نازارەت سىستېمىسى بەرپا قىلىش شەرت.

2026-يىل 10-ئايدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركەز دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىش ئەھۋالىنى قانۇنچىللىق بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى باشلىدى. نازارەت قىلىپ تەكشۈرگۈچى سەككىز گۇرۇپپا خېبېي، خېيلۇڭجياڭ، فۇجيەن، شەندۇڭ، شىزاڭ، شەنشى، چىڭخەي، شىنجاڭدىن ئىبارەت سەككىز ئۆلكە (ئاپتونوم رايون) ھەم شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە بېرىپ نەق مەيداندا نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى.

گۇڭئەن مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ياڭ ۋېيلىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:«2025-يىلىدىن بۇيان، گۇڭئەن ئورگانلىرى كارخانىلارغا چېتىشلىق مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش مەزگىلىدە پېچەتلەنگەن 1 مىليارد 380 مىليون يۈەن قىممەتتىكى مال-مۈلۈكنى بىكار قىلدى، تۇتۇپ قېلىنغان 2 مىليارد 220 مىليون يۈەن مەبلەغنى قايتۇردى، 199 مىڭ توڭلىتىلغان ھېساباتنى قانۇن بويىچە ئۆزگەرتتى ياكى بىكار قىلدى، 8 مىليارد 980 مىليون يۈەن مەبلەغنى بوشاتتى. كېيىنكى قەدەمدە، ‹ھازىر تۈزىتىش› بىلەن ‹ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىش›نى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى سىجىل تەكشۈرۈپ تۈزىتىپ، كارخانىلارغا چېتىشلىق قانۇن ئىجرا قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز.»

— قانۇنچىللىق كاپالەت سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇندى.

قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇشتا، سىياسىي، تەشكىلات، قوشۇن، ئىختىساسلىقلار، پەن-تېخنىكا، ئۇچۇر قاتارلىق كاپالەتلەرنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى مۇھىم تىرەك بىلەن تەمىنلەش شەرت.

نۆۋەتتە، دۆلىتىمىز دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ قانۇنشۇناسلىق مائارىپى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ھەر يىلى 100 مىڭدىن ئارتۇق قانۇنچىللىق مەخسۇس ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقماقتا. تېڭ جىگو مۇنداق دېدى:«بىز شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگونىڭ مۇستەقىل قانۇنشۇناسلىق بىلىملىرى سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ تېزلىتىشىمىز كېرەك.»

ھازىر، شەھەر-يېزىلارنى قاپلىغان، قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، باراۋەر، ئومۇمىي مەنپەئەتدار ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتى سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىندى. لى مىڭجېڭ مۇنداق دېدى:«ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتى ئەمەلىي گەۋدىسى، ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتى قىزىق لىنىيەسى، ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتى تورىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ سۇپىنى يۇغۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، مۇلازىمەت ئىشلىرىنىڭ توردا ماھىيەتلىك بېجىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، سۈنئىي ئەقىل، رايون-بۆلەك زەنجىرى، چوڭ سانلىق مەلۇمات قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلاردىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش، كەسىپ بېجىرىشنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش سەۋىيەسى ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنى 24 سائەت نورمال ئىشلەيدىغان ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيمىز.»

— پارتىيە ئىچىدىكى نىزام سىستېمىسىنىڭ كۈنسېرى مۇكەممەللىشىشىگە تۈرتكە بولۇندى.

«دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن پارتىيەنى نىزام بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش» شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز بېيىتىلىشى، راۋاجلاندۇرۇلۇشىنىڭ گەۋدىلىك ئىپادىسى بولۇپ، «12 دە چىڭ تۇرۇش»نىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇن سىستېمىسىدا مۇھىم ئورۇن ۋە ئەھمىيەتكە ئىگە.

2025-يىل 12-ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئېچىپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش نىزامى»نى قاراپ چىقتى.

2025-يىل 12-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان پارتىيە ئىچىدىكى ئۈنۈملۈك نىزام 3372 يەتتى. مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) بىرلىك سەپ ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى چۇ سۇڭيەن مۇنداق دېدى:«پارتىيە ئىچىدىكى نىزام سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز تۈردە مەزمۇنى ئىلمىي، تەرتىپى پۇختا، يۈرۈشلۈكى مۇكەممەل، يۈرۈشۈشى ئۈنۈملۈك بولۇشقا يۈزلىنىپ، تۈزۈمنىڭ قاتتىق چەكلىمىسى سىجىل كۈچەيتىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىنقىلابىي تاۋلىنىش داۋامىدا تېخىمۇ قۇدرەت تېپىشىغا تۈرتكە بولۇندى.»

پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ «قارار»ىدا:«پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە-نىزاملارنى دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك» دەپ تەكىتلەندى. بۇ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن پارتىيەنى نىزام بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىگە تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇشنى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

"قانۇنچىللىقنى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا ماسلاشتۇرۇشقا، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك"

يېڭى دەۋردىكى قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا باشتىن-ئاخىر قانۇنچىللىق ئاساسىدا ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات داۋامىدا قانۇنچىللىقنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، قانۇنچىللىق كاپالىتىنىڭ مۇقىملىقى داۋامىدا ئىسلاھات، تەرەققىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرش كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: "قانۇنچىللىقنى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا ماسلاشتۇرۇشقا، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك".

خەينەن ئەركىن سودا پورتى پات ئارىدا پۈتۈن ئارالدا تاموژنىنى يېپىق باشقۇرۇش باشلانغانلىقىنىڭ بىر يىللىقىنى كۈتۈۋالىدۇ.

خەينەندە "كىچىك دائىرىلىك" قانۇن چىقىرىلىپ "بىر ئىشقا بىر قانۇن" ماقۇللىنىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئۈچۈن ئېھتىياجغا قاراپ دەل جايىدا ھەل قىلىش لايىھەسى تۈزۈلدى.

دورا ئىمپورت قىلىشنى قولايلاشتۇرۇشقا دائىر بىرقانچە بەلگىلىمە پەقەتلا سەككىز ماددا بولۇپ، خەينەن ئەركىن سودا پورتىدا ئىمپورت قىلىنغان دورىلارنى ئەنگە ئالدۇرۇش ۋە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىشنىڭ تېخىمۇ قولايلىشىشىغا تۈرتكە بولۇندى، شۇنىڭ بىلەن دورا ئىمپورت قىلىش ۋاقتى يەنىمۇ قىسقاردى؛

ئىستېمال ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش بەلگىلىمىسى پەقەتلا 20 ماددا بولۇپ، نۇقتىلىق ھالدا كەم جىڭلاپ بېرىش، سودىدا ئۆكتەملىك قىلىش قاتارلىق 14 خىل تىپىك ئىستېمال ئالدامچىلىقى قىلمىشىغا قارىتا تۈرگە ئايرىپ، دەرىجىگە ئايرىپ جازا بېكىتىلىپ، ئىستېمال مۇھىتىنىڭ ياخشىلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى؛

......

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇشقا ھوقۇق بېرىشتىن خەينەن ئەركىن سودا پورتى قانۇنىنى تۈزۈشكىچە، يەنە خەينەن ئۆلكىسىنىڭ يانداش نىزام، قائىدىلەرنى ئېلان قىلىشىغىچە،"ھوقۇق بېرىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش + دۆلەت قانۇن چىقىرىش + يەرلىك نىزام چىقىرىش"تىن ئىبارەت ھەر تەرەپلىمە قانۇنچىللىق كاپالىتى سىستېمىسى زور ئىسلاھاتلارنىڭ قانۇن ئاساسى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغدىغانلىق يېڭىلىق يارىتىشنى قوغدىغانلىق.

پاتېنت قانۇنىغا يېڭى بىر نۆۋەتلىك تۈزىتىش كىرگۈزۈش تاماملىنىپ، جازالاش خاراكتېرلىك تۆلەم كىرگۈزۈلۈپ، ھوقۇققا چېقىلىش تەننەرخى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلۈشتىن ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلارنىڭ مەخسۇس ھەرىكەتنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، تېز ھەمكارلىشىپ قوغداش مېخانىزمى ئورنىتىشىغىچە؛ ئاندىن خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى بويىچە كەسىپلەشكەن سوت قىلىش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى بويىچە "ئۈچنى بىرلەشتۈرۈپ" سوت قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشىغىچە... قانۇن چىقىرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش زىچ ھەمتۈرتكە بولىدىغان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ماسلىشىدىغان بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچلۈك قۇۋۋەت قوشتى.

قانۇنچىل تەپەككۇر ۋە قانۇنچىل ئۇسۇلنى قوللىنىپ مۇقىملىقنى قوغداشتا "كەڭ" بولۇش بىلەن "قاتتىق" بولۇشنىڭ دىيالېكتىك مۇناسىۋىتىنى ئىلمىي ئىگىلەش زۆرۈر.

2026-يىل 7-ئايدا، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي-قانۇن كومىتېتى مەملىكەتلىك قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى سىن يىغىنى ئېچىپ، بىر يىل داۋاملىشىدىغان قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى رەسمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، زەربە بېرىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەنئەنىۋى قارا، رەزىل كۈچلەرگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش ئاساسىدا، تور سۇپىسى ۋە "يۇمشاق زوراۋانلىق" ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ تەشكىللىك سادىر قىلىنغان قارا، رەزىل جىنايەتلەرگە نۇقتىلىق زەربە بېرىش كېرەك دەپ تەكىتلىدى.

دۆلەت خەۋپسىزلىكى، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئېغىر زوراۋانلىق جىنايىتىگە، خەلق ئاممىسى ئەڭ نەپرەتلىنىدىغان تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقى، قارا، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق جىنايەت قاتارلىقلارنى سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرى باشتىن-ئاخىر يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، قانۇن بويىچە قاتتىق جازالىدى، بۇ، "قاتتىق" قول، جەمئىيەتنىڭ خاتىرجەملىكىنى قوغداشنىڭ ئۇل تېشى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلق ئىچىدىكى زىددىيەت تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان، جىنايى قىلمىشى يېنىكرەك، جاۋابكار جىنايىتىگە ھەقىقىي پۇشايمان قىلغان ھەمدە ئەپۇ قىلىشقا ئېرىشكەن دېلولارغا قارىتا، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتىراپ قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش، جىنايى ئىشلار بويىچە كېلىشىش قاتارلىق تۈزۈملەرنى دەل جايىدا تەتبىقلاپ، جازانى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشنى ئاكتىپ تەتبىقلاپ، مەھەللىدە تۈزەشنى كۈچەيتتى، بۇ، "كەڭچىلىك" قولى بولۇپ، جەمئىيەتتىكى زىددىيەتنى تۈگىتىش، جەمئىيەت ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.

"نۆۋەتتە، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئالاقىدار يېتەكچى ھۆججەتلەرنى تەتقىق قىلىپ تەييارلاپ، ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى دېلولارغا كەڭچىلىك قىلىش ۋە قاتتىق بولۇشنىڭ كونكرېت قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ماسلىشىشچانلىقى، بىردەكلىكى، ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىۋاتىدۇ." دېدى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش تەپتىشى مياۋ شېڭمىڭ.

دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم يولى ئادىل، ھەققانىي بولۇشتا.

"تىرىشىپ خەلق ئاممىسىغا ھەربىر تۈرلۈك قانۇن-تۈزۈم، ھەربىر قانۇن ئىجرا قىلىش قارارى، ھەربىر قانۇن يۈرگۈزۈش دېلوسىدىن ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك"، بۇ ھەم تەنتەنىلىك ۋەدە،شۇنداقلا بوشاشماس ئىنتىلىش.

ھۆكۈم ـ كېسىم ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ دېلو مىسالى ئامبىرى قۇرۇپ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئېلان قىلغان يېتەكچى خاراكتېرلىك دېلو مىساللىرى ۋە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشى ئارقىلىق ئوخشاش تۈردىكى دېلولارنى سوت قىلىشتا ئۈلگە كۆرسىتىش قىممىتىگە ئىگە دەپ قارالغان پايدىلىنىش دېلو مىساللىرىنى قوبۇل قىلدى ھەمدە دېلولارنى سوت قىلىشتا دېلو مىساللىرى ئامبىرىنى كۆرۈپ چىقىپ، ئامبارغا كىرگۈزۈلگەن ئوخشاش تۈردىكى دېلو مىساللىرىدىن پايدىلىنىپ ھۆكۈم ـ كېسىم چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى.

"پۈتۈن مەملىكەتتىكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش دېلو مىساللىرىنىڭ ھەممىسىگە مۇشۇنداق ھۆكۈم چىقىرىلغانلىقىنى كۆرۈپ، چىن كۆڭلۈمدىن قايىل بولدۇم! " ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ۋۇشېن خوشۇنى خەلق سوت مەھكىمىسى قاراپ چىققان "ئىستېمالچى مېھمانساراينىڭ مۇنچىسىدا تېيىلىپ يىقىلىپ يارىلىنىش" ھەق تەلەپ ماجىراسى دېلوسىدا، دەۋاگەر ھۆكۈمنامە بىلەن بىللە يەتكۈزۈلگەن " ئوخشاش تۈردىكى دېلو مىساللىرى"نى كۆرگەندىن كېيىن شۇنداق دېدى.

تېڭ جىگو مۇنداق دېدى: "سوت قىلىشنى مەركەز قىلغان جىنايى ئىشلار دەۋا تۈزۈمى ئىسلاھاتى، ھەق تەلەپ دەۋاسىدىكى مۇرەككەپ بىلەن ئاددىينى ئايرىش مېخانىزمى ئىسلاھاتى، مەمۇرىي دەۋا دېلولىرىنى باشقۇرۇش تەۋەلىكى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن يۈرگۈزۈش ھۆكۈم-كېسىملىرىنىڭ ئادىللىقى، مۇقىملىقى ۋە نوپۇزىنى ئاشۇرۇپ، دېلونى ئاخىرلاشتۇرۇش، ئىشنى تاماملاش ۋە ئادەمنى ياراشتۇرۇشنى كۈچەپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك."

بىر قاتار كۈچلۈك تەدبىرلەر قانۇنچىللىق ئېتىقادىنى كۈنسېرى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇپ، قانۇنچىللىق كەيپىياتىنى كۈنسېرى قويۇقلاشتۇرۇپ، قانۇنچىللىق ئاساسىنى كۈنسېرى مۇستەھكەملىدى، بۇ، مۇقەررەر ھالدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىدۇ!

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ